ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-01كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ سېلىپ گېلىغا تۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللا كۆرىلىدۇ؛ بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى، بۇ ھەقتىكى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋەردار بولۇپ قويىشى كېرەك. ئۇنداقتا، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلماق لازىم؟
   ئالدى بىلەن، بالىنىڭ روھى ھالىتىنى كۆزىتىپ، ھۇشى بار يوقلۇقىغا ۋە كالپۇكى كۆكىرىپ قالغان ئەھۋال بار يوقلۇقىغا قارايمىز.
  ئىككىنچىدىن، بالىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا نەپەس ئالالايدىغان ياكى نەپەس ئالالمايدىغانلىقىنى، كۆرۈنەرلىك بولغان نەپەسلىنىش ھەرىكىتى بار يوقلۇقىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمىز. ئەگەر بالىنىڭ ھۇشى جايىدا بولسا ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ھامرىك قوساق قىسىمغا زەربەر بىرىش ئۇسۇلىنى (بۇ بىر خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىدىغان ئۇسۇل، كونكىرتنى ئاستىدىكى رەسىمدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ) قوللىنىپ، بالىغا قارىتا جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
   ئەگەر بالا نەپەسلىنىشتىن توختاپ قالغان بولسا ۋە  چاقىرىپ ھۇشىغا ئەكەلگىلى بولمىسا، بۇ ۋاقىتتا بەلكىم نەپەسلىنىش يولىدا ئېغىر دەرىجىدىكى توسۇلۇش كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار 120جىددى قۇتقۇزۇش تېلفونىنى ئۇرۇپ ياردەم تەلەپ قىلغاندىن باشقا، يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ھەرىكىتى(كۆكرەك بېسىش ۋە ئېغىزىدىن ھاۋا پۈۋلەش جىددى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى) ئىشلەپ، تېخىنىكىلىق خادىملار يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئۈنۈملۈك ھالدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号