ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ياخشىل بولالماسلىق كىمنىڭ خاتالىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلار تۇغۇلۇپ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىل؛ بۇ بۆلەك مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. لېكىن، 3-0ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى بىر خىل ئاجىز مۇھىتتا تۇرىدىغان بولۇپ، بوۋاقتا ھەمىشە ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ ئاتا-ئانىسى يامان كۆندۈرۈپ قويغاننىڭ ئىشىمۇ ياكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىكتىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ قالغانمۇ؟ قانداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش
   بۇنداق بالىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تامىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بالىلارغا زۆرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەپ بەرگەندىن باشقا، ئۇلارغا ئارتۇقچە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ بىرىمەن دېمەسلىك لازىم. بوۋاققا نىسبەتەن، تاماقنى قانچە كۆپ يىسە شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئەمەس؛ ھەر قېتىمدا مىقدارنى ئازراق قىلىپ، كۈندىلىك تاماقلىنىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك؛ بۇ، ئاشقازان ئۈچەينى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
بالىلارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش
   ئەگەر ھەمىشە بىر خىل ھارغىنلىق ھالىتىدە تۇرسا، بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ناچارلاپ قالىدۇ. ھەر كۈنى چۈش ۋە كەچ ۋاقىتلىرىدا، بالىلارنى يىتەرلىك ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى بوۋاقنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئاشقازان ئۈچىيى تېخى ياخشى يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ؛ پەقەت ئۇلارنى يىتەرلىك ئارام ئالدۇرۇپ، ئۇلاردا قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىمكان بار ئانا سۈتى ئىمىتىش
   نۇرغۇنلىغان خىزمەتچى ئاياللار، شارائىت ۋە ۋاقىت جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، بالىسى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنى ئانا سۈتىدىن ئايرىۋىتىدۇ؛ يىراقنى كۆزلەپ ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىش ئۇنچە ياخشى ئەمەس، يەنىلا ئانا سۈتىنى كۆپرەك ئەمگەن ياخشى. بولۇپمۇ بالىلار يېڭىدىن ئىمىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، ئانا تېنىنىڭ بەزى ئورۇنلىرىدا بەزىبىر پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر بار بولۇپ، بوۋاقلار بەزىبىر باكتىرىيەلەرنى يەپ بەرسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتىرىيە تەڭپۇڭلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ. ئانا سۈتىنى ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىمىپ بەرسە، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ھەرگىز ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.
دورا ئىچىشتە ئېھتىيات قىلىش
   بالىلار كېسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئانا دەرھال ئۇلارغا دورا ئىچكۈزۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلانماقچى بولىدۇ. دورا ئىچىشنى بەك ياخشى ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس؛ كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىسا، لازىم بولىدىغان دورىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئەھۋالنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ قالايمىقان دورا ئىچكۈزسەك، كېسەلنى داۋالىيالمايلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىلارنى بىئارام قىلىدۇ. كەسپى دوختۇرلار بىزگە شۇنداق تەكلىپ بىرىدۇكى، ئەگەر چوقۇم دورا ئىچىش لازىم بولسا، مۇۋاپىق تۈردە بەزىبىر پايدىلىق باكتىرىيەلەرنى قوشۇپ ئىچىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.
زىيادە پاكىزە بولۇپ كەتمەسلىك
   بالىلارنىڭ تېنىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئىنتايىن پاكىزە مۇھىت ھازىرلاپ بىرىدىغان بولۇپ، ئاساسى قەھەتتىن باكىتىرىيەسىز مۇھىتقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ؛ ھەر كۈنى نۇرغۇن قېتىم قوللىرىنى يۇيۇپ، يېمەكلىكنىمۇ ناھايىتى پاكىزە بىتەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر بالىلار بۇ خىل تۇرمۇشتا كۆنۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، سىرتقى مۇھىتتىن باكتىرىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ قالسا، بالىلار دەرھال كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا قويۇپ بىرىپ چوڭ قىلىپ، ھەددىدىن ئارتۇق قوغداش قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号