ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
گۈزەللىكنى قوغلىشىش خاتا ئەمەس، ئەمما خەتىرىنىمۇ ئويلىشىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-23كۆرۈلىشى : قېتىم
   19-ئاۋغۇست كۈنى، خېنەندىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 28ياشلىق ياش بىر ئانا—ياڭ خانىم، خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىكى ۋەنخې دوختۇرخانىسىنىڭ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە، ھەسرەت-نادامەتكە تولغان تولغان تۇققانلىرى ۋە ئىككى ياشقا توشمىغان بىر جۈپ قوشكىزەك بالىسىنى قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.
    ياڭ خانىمنىڭ ئىرى جاڭ ئەپەندىمنىڭ خۇڭشىڭ ئاخباراتى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ تېخى ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كىتىش سەۋەبىنى ئىنىق بىلمەيدىكەن؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايالىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، بويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى يىڭنە سانچىلغان ئىز بولۇپ، بۇرۇن ۋە كۆزلىرىدىن قان ئېقىپ  چىققان ئىكەن.
    جاڭ ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ھۆسىن تۈزەش ئورنىنىڭ مۇناسىپ ئوپراتسىيە قىلىش سالاھىيىتى يوق بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دوختۇر ئەنگە ئالدۇرغىنى بىرىنچى دەرىجىلىك سالاھىيەت بولسىمۇ، ئەمما قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، بويۇنغا ياغ تولدۇرۇشتەك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇكۇل ئۇرۇپ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيسى ئىشلىگەن.
    مۇخبىرنىڭ نەنياڭ شەھىرى ۋەنچىڭ رايونى سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ ئىشقا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، كونكىرتنى ئەھۋال ھازىر تەكشۈرۈلىۋاتقان ئكەن.
   ياڭ خانىم، نەنياڭ شەھەرلىك كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ سېستىراسى بولۇپ، ئۇنىڭ قوشكىزەك بىر جۈپ بالىسى تېخى ئىككى ياشقىمۇ كىرمىگەن، ئەمدىلەتتىن ئانا دىيىشنى ئۆگەنگەن ئىكەن. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا، ياڭ خانىم ئىلگىرى بۇ ۋەنخې ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىدا كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئىرى جاڭ ئەپەندىم بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان. شۇڭا بۇ قېتىم، ئۇ پەقەت ئانىسىغىلا كىچىك بىر ئوپراتسىيە قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، باشقىلارغا بولسا، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەچچە كۈن تۇرۇپ كىلىدىغانلىقىنىلا ئېيتقان.
    18-ئاۋغۇست كۈنى، ياڭ خانىم ئۆيدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئانىسىغا تېلفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەنخې ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى كەچ سائەت بەش يېرىم بولغاندا، ياڭ خانىمنىڭ ئانىسى، قىزىنىڭ يانفونىدىن ئۇرۇلغان بىر تېلفوننى تاپشۇرۋالغان بولۇپ، بۇ تېلفوننى ئۇرغان ۋەنخې ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەرپىدىن، ياڭ خانىمدىن "ئازراق مەسىلە" چىققانلىقى ھەمدە ياڭ خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىلىپ ئەھۋالنى بىتەرەپ قىلىشى كىرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ياڭ خانىمنىڭ ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا بۇنى كىچىك بىر ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئىرەنشىپ كەتمىگەن؛ چۈنكى، ئۇ قىزىنىڭ ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
    شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە بولغاندا، ياڭ خانىمنىڭ ئانىسى ۋە ئىككىنچى ئاكسى ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلگەن؛ ئەمما ئۇلار ياڭ خانىمنى كۆرەلمىگەن، ئەكسىچە ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ سىرتىدا توسۇپ قېلىنغان. ياڭ خانىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ دىيىشىچە، دەسلىۋىدە، ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىدىكىلەر ئۇلارنى توسىۋىلىپ چىققىلى قويمىغان؛ كىيىن توسۇپ توسۇپ بولالمىغاندىن كىيىن، ياڭ خانىمنى ۋاقىتلىق ھۇشىدىن كەتتى دەپ يالغان سۆزلىگەن. بۇۋاقىتتا، ياڭ خانىمنىڭ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياڭ خانىمنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى دەرھال "120" جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفون قىلغان؛ ئەمما قارشى تەرەپ ياڭ خانىمنىڭ ئاكىسىغا، نەنياڭ شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ نەخ مەيدانغا بۇرۇنلا يىتىپ بارغانلىقىنى ھەمدە ياڭ خانىمنىڭ ئاللىبۇرۇن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
   بۇ ۋاقىتتا، ياڭ خانىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان؛ ساقچى تەرەپ دىلو تۇرغۇزۇپ، ساقچىلار ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ياڭ خانىمنىڭ ئىرى جاڭ ئەپەندىم ئاندىن ئايالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ياڭ خانىمنىڭ بويۇنلىرى پۈتۈنلەي يىڭنە سانچىلغان ئىزىغا تولغان، بۇرۇن ۋە كۆزلىرىدىن قان ئېقىپ چىققان ھالەتتە ئىدى.
    ياڭ خانىمنىڭ ئاچىسىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ياڭ خانىم ئوپراتسىيە ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوپراتسىيەدىن ئىلگىرى ئۆزىنى نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بوينىدا ھېچقانداق جاراھەت ئىزى يوق ئىدى.
   ياڭ خانىمنىڭ ئىرى جاڭ ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرلارغا دەپ بىرىشچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق قەغەز يۈزىدىكى ھۆججەت ياكى توختام كۆرمىگەن؛ پەقەت ياڭ خانىم ئىمزا قويغان بىرلا ھۆججەت بار بولۇپ، جاڭ ئەپەندىم ئايالىنىڭ ئىمزاسىغا بىر قاراپلا، بۇنىڭ ئايالى قويغان ئىمزا ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
   ئىگىلىنىشىچە، ۋەنچىڭ رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، دوختۇرنىڭ سالاھىيىتى بىرىنچى دەرىجىلىك سالاھىيەت بولۇپ چىققان. قائىدە بويىچە، بۇ دوختۇرنىڭ، بويۇن قىسىمغا ياغ تولدۇرۇشتەك بۇنداق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوپراتسىيەنى ئىشلەشكە سالاھىيىتى توشمايدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号