ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
كۈندە بىر شوخلا يىيىشنىڭ پايدىسى كۆپ، ئاياللار سىناپ كۆرۈڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-25كۆرۈلىشى : قېتىم
   شوخلا، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، شوخلا قىزىل ماددىسى ۋە كاروتىن تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ساخارىد تەركىبى ۋە ئورگانىك كىسلاتا تەركىبىمۇ يۇقىرى. ئۇزۇقلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، شوخلىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ساغلاملىق قىممىتى ۋە ئۈنۈمى بار ئىكەن. ئەگەر ھەركۈنى بىرتال شوخلا يىيىشنى بىر ئاي قەتئى داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل پايدىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.
ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش
   شوخلىنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنCنىڭ مول ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق؛ بۇ خىل ماددا، بىزنىڭ تىرىمىزدىكى ئىنىزىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى توسىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قارا رەڭ ماددىسىنىڭ شەكللىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسۇپ، تىرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەركۈنى بىر تال شوخلا يەپ بىرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، تىرىنى ئاقارتىش ۋە قۇۋۋەتلەش رولىنى ئويناپ، داغلارنى ۋە دانىخورەك ئىزلىرىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئايرىم بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شوخلىنىڭ قولتۇق پۇراشنى ياخشىلاشقا قارىتامۇ، بەلگىلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن.
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش
   شوخلا تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتالار بار؛ مەسىلەن، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار، ئاشقازانغا نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەيدىكى بىئارامچىلىقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ئىسسىق يەل ۋە قوقاقنى ھەيدەيدۇ
    پەمىدۇر، سۇ تەركىبى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل كۆكتات؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، قوقاق ھەيدەپ زەھەر تازىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، دائىم قىزىپ بىئارام بولىدىغان، ئېغىزى قۇرۇپ تۇرىدىغان ئاياللارغا قارىتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئادەتتە، بەدەن قوقاقلاپ ياكى ئىسسىق يەل ئېشىپ كىتىپ، سەۋەپسىزلا جىلە بولۇپ ئاچچىقلىنىدىغان، چىش مىلىكى قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇۋاپىق تۈردە پەمىدۇر يىسە، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
قاننىڭ ماي تەركىبى ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ
   شوخلا تەركىبىدىكى رۇتىن، شوخلا قىزىل ماددىسى، ۋىيتامىنC   ۋە مىۋە كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ، قاندىكى خولىستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، ئارتىريە قېتىشىشنىڭ  ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار. بۇندىن باشقا، شوخلا تەركبىدە يەنە زور مىقداردا كالىي ماددىسى ۋە ئىشقارلىق مىنرالنى ماددىلار بار بولۇپ، قاندىكى ناترىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە بۆرەك كىسەللىكلىرىگە قارىتا ياردەملىشىپ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号