ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كىلىدىغان قىلمىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-20كۆرۈلىشى : قېتىم
  بالىياتقۇ، ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ھامىيلە يىتىلدۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، بۇندىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجرالمىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار بالىياتقۇسىنى ياخشى ئاسراپ، بالىياتقۇنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
سۇغۇق ياكى توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش
   كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ مىزاجى سۇغۇقچان كىلىدۇ، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم ئاياللار يەنە، سۇغۇق ياكى توڭلىتىلغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋال، بەدەندە ھۆل سۇغۇق ئېشىپ كىتىپ، بالىياتقۇنىڭ سۇۋۇپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە، ياز كۈنلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلمىساق، بالىياتقۇغا بەلگىلىك تەسىر يىتىدۇ.
كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش
   بەزى ئاياللار، ئىھتىياتسىزلىك سەۋەبىدىن، ياكى قوللانغان چارىلەر ئۈنۈملۈك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايال كىشى تۇغۇشنى خالىمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئامالسىز بالىنى ئالدۇرۋىتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بالا ئالدۇرۇشنىڭ بالىياتقۇغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور؛ ئەگەر كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرغاندا، بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارى نىپىزلىشىپ كىتىپ، تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش
   ھازىر، نۇرغۇن ئاياللار بالا تۇغۇش ئازابىغا چىدىيالماي، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى تاللايدۇ. ئەمما بىلىشىمىز كىرەككى، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنىڭمۇ بالىياتقۇغا بەلگىلىك زىيىنى بار؛ چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل، ئىنسانلارنىڭ نورمال كۆپىيىش قانۇنىيىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر كۆپ قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقاندا، بالىياتقۇغا تېخىمۇ زور زەخمە ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا بەلكىم تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号