ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
چىرايدىكى سېرىق داغلارنى يەرلىك ئۇسۇلدا سۇسلاشتۇرۇشنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەر بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياش ھالەتتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ چىراي-ھۆسنىمىز ياش ۋاقتىمىزدىكىگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ تېرىمىز ناچارلىشىپ، بەزىبىر تېرە مەسىلىلىرى بېشىمىزنى ئاغرىتىدۇ. سېرىق داغ، دەل مۇشۇ تېرە مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن ياكى ئۇلارنىڭ بەدەن ئىچكى ئاجرالمىلىرىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە، ئۇلارنىڭ چىرايىدا سېرىق داغ پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا، سېرىق داغنى يوقىتىدىغان بىرەر ئاددىي ئۇسۇل بارمۇ يوق؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدىكى ئاددىي يېمەكلىكلەردىن پايدىلىنىپ سېرىق داغ يوقىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!
يېڭى كالا سۈتىنى يۈزىگە سۇۋاش
   يېڭى كالا سۈتىنىڭ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تېرىنى چوڭقۇر قاتلاملىق قۇۋۋەتلەپ ۋە تېرىگە نەم يەتكۈزۈپ، تېرىنى تېخىمۇ يۇمرانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. ئۆيدە كىچىك بىر ئىستاكان سۈت تەييارلاپ، گىرىم پاختىسىنى سۈتكە چىلاپ سۈتنى سۈمۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يۈزىمىزنى پاكىزە يۇۋىتىپ، سۈت سۈمۈرتۈلگەن گىرىم پاختىسىنى يۈزىمىزگە ئون بەش مىنۇت ئەتراپىدا چاپلاپ، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن يۈزىمىزدىكى سۈت قالدۇقلىرىنى پاكىزە يۇۋەتسەك بولىدۇ. بۇندا قىلىشنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندا، تېرىنى ئاقارتىشقا بولىدۇ، ئەگەر داغ يوقىتىش مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك، داغ سەپكۈن يوقىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تەرخەمەكتىن پايدىلىنىپ داغ سۇسلاشتۇرۇش
   تەرخەمەكنى مەيلى بىۋاستە ئىستېمال قىلايلى ياكى يۈزىمىزگە چاپلاپ بىرەيلى، ئوخشاشلا چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. بىز تەرخەمەكنى ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، بىۋاستە يۈزىمىزگە چاپلاپ بەرسەكمۇ، ئوخشاشلا داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قالغان تېرىگە نىسبەتەن، دەرھال تەرخەمەك چاپلاپ بەرسەك، تېرىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاپتاپتا كۆيگەنلىك سەۋەبىدىن چىرايىدا قارا داغ پەيدا بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرساق، تېرىنى ئاقارتىپلا قالماي، يەنە تېرىگە سۇ تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
پەمىدۇر يىيىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش
   پەمىدۇر، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشتىھانى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن خانىم-قىزلار شوخلىنى بىۋاستە ئىستېمال قىلىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەمىدۇرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسەك، تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى پەمىدۇرنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، تېرىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەڭ ماددىلىرىنىڭ يېغىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号