تۇخۇمدان، ئاياللارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى؛ بالىياتقۇ بولسا ھامىيلىنى يىتىلدۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن. تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئادەتتە بۇ ئىككى ئەزانى ياخشى ئاسراپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ئاياللار ئادەتتە تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە بەزىبىر ئائىلىۋى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر
يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كۆپ پايدىسى بار بولۇپ، تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇسىغا قارىتا قوغداش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا، راك، تۇخۇم، كالا سۈتى، لامنارىيە، دۇفۇ قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇخۇمدانىنى ئاسرايمەن ھەمدە بالىياتقۇنى ياخشىلايمەن دېسە، ئادەتتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بىرىشى كېرەك؛ چۈنكى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل تەركىبى. بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئارىسىدا، قارا پۇرچاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى، ھەمدە قارا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاياللىق ھورمۇنى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە قارا پۇرچاقنى پۇرچاق سۈتىگە ئايلاندۇرۇپ ئىستېمال قىلساق ياكى قاينىتىپ پۇرچاق شورپىسى قىلىپ ئىچسەك، ئاياللاردا ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى بىلەن بالىياتقۇسىغا قارىتا ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى مول يېمەكلىكلەر
ئاياللار ئادەتتە، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، ۋىتامىن C ۋە E، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار، قېرىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تۇخۇمداننىڭ ئاياللىق ھورمۇنى، تۇغۇت ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىچكى ئاجرالمىلار ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇغا قارىتا ئاسراش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن، كۆممىقوناق، كاۋا، پەمىدۇر، سەۋزە، ئۈزۈم، گىلاس، مايمۇن شاپتۇلى، چىلان، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلار بار.
موگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
موگو ۋە باشقا زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور؛ موگو تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، تالا ماددىسى ئادەمنىڭ ئۈچەي يوللىرىنى قىمىرلىشىنى كۈچەيتىپ، بەدەندىكى خولستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاش
فولىن كىسلاتاسى، سۇدا ئىرىشچان B ئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، يېشىل كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە نىسبەتەن مول كېلىدۇ. دائىم فولىن كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئاياللاردا تۇخۇمدان راكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇپ قېلىش كۈرۈلىشى مۇمكىن. ئەگ
يازنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ، بىر توپ قويتۆگىلىرى غەلىتە چاچ پاسونلىرىنى قويۇۋالغان بولۇپ، ئارىدىكى بىر قويتۈگە شىرغا، يەنە بىرسى دىنوزاۋىرغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ھازىر، ھەممە ئائىلىدە ئاساسەن دېگۈدەك مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق تەييارلانغان. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشل
ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ تويلىشىشقا قەدەم قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇش ئاسان ئەمەس؛ شۇڭا تويلىشىپ بىرگە بولغاندىن كىيىن، بىر-بىرىنى قەدىرلەشنى چوق
بىر ئادەمنىڭ رەتلىك كىيىنىپ ياسىنىپ يۈرگەن ھالىتى بىلەن ياسانماي رەتسىز يۈرگەن ھالىتىدە ئاسمان-زىمىن پەرق بولىدۇ
"ئالقاتنى كۆپرەك يەڭ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ"، "ياڭاقنى كۆپرەك يەڭ، مېڭىگە پايدىلىق"، چار خەمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلساق، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ"، "پىياز
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، خاتىرە كومپىيوتىر، كومپىيوتىر قاتارلىق ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىچىسى ئۇخلىماي تېلىۋىزىيە فى
تاماق ئىتىش، بىلىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاددىي بىر ئىش؛ ئەمما نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەنە بىر ئاسان ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزى
لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر توڭلاتقان جۇۋاۋىنى ياخشى پىشۇرالمىغاچقا، پىشۇرۇش جەريانىدا جىلىتى ئېتىلىپ قىيمىلىرى چىقىپ كېتىدۇ.
دىققەت! ئەگەر يېنىڭىزدا O قان تىپىدىكى ئادەم بار بولسا، بۇ سىزگە ئۇچرىغان بەخت، ياخشى قەدىرلەڭ!
تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号