ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەرنىڭ "ئۇزۇقلۇق ئامبىرى" ھېسابلىنىدىغان تائاملار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قىش پەسلى، بۆرەككە قۇۋۋەت ۋە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، يېمەكلىك ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، بۆرەك قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك ياكى تائاملارنى يىيىشتۇر. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۆرەككە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان نەچچە خىل تائامنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

پىچەكگۈل نومى گۈرۈچى شورۋىگۈرۈچى

تەييارلاش ئۇسۇلى
   30 گىرام پىچەكگۈل، 100گىرام نومى گۈرۈچى تەييارلاپ، يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچسەكلا بولىدۇ.

توخۇ ۋە قوي گۆشى قىيمىسى قوشۇپ قاينىتىلغان شورۋىگۈرۈچ

خام ماتېرىيالى: ئالقات، توخۇ گۆشى، قوي گۆشى، نومى گۈرۈچى، تۇز، زەنجىۋىل، تېتىتقۇ ھارىقى، ۋىيجىڭ، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   توخۇ گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى قىيما قىلىپ توغراپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل ۋە تېتىتقۇ ھارىقى قوشقاندىن كېيىن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئالقات ۋە نومى گۈرۈچىنى يۇيۇپ تەييارلايمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، توخۇ گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇپ پىشۇرىمىز؛ كەينىدىن تۇز، ئالقات، نومى گۈرۈچى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كېيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، شورۋىگۈرۈچ قاينىتىمىز؛ ئۇسۇپ ئېلىشنىڭ ئالدىدا، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىيجىڭ ۋە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىۋەتسەكلا بولىدۇ.

كەپتەر ۋە توخۇ گۆشى شورپىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى
   كەپتەر ۋە توخۇ گۆشى تەييارلاپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ۋە تۇز، قارىمۇچ، غولپىياز مايسىسى قاتارلىق خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى قوشۇپ، بارلىق خام ماتېرىياللارنى بىرگە سېلىپ شورپا قاينىتىپ پىشۇرسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号