ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
مۇنەۋۋەر ئەرلەر چوقۇم يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك 11 تۈرلۈك ئادەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. ھەر كۈنى ئەتىگەن سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، 30-20 مىنۇت سەرپ قىلىپ چېنىقىش ھەمدە بۇنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇش.
   2. ھەمىشە يېنىغا ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىدىن بىرنى ساقلاپ، قايناقسۇ ۋە چايلا ئىچىش، ھەر قانداق سوغۇق ئىچىملىك ۋە مىۋە شەربىتى ئىچمەسلىك، ھەر كۈنى بىر تال مىۋە يىيىش.
   3. ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال، پۇتنى سۇغا چىلاپ يۇيۇش ۋە ئىككىنچى كۈنى كىيىدىغان كىيىملىرىنى تەييارلاپ قويۇش؛ كەچ سائەت 11دە ئۇخلاپ، ئەتىگىنى سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇش.
   4. ھەر ھەپتىدە، تورداشلارنىڭ قويغان نۇمۇرى يۇقىرى بولغان فىلىمدىن بىرنى كۆرۈش ۋە فىلىمگە بولغان باھاسىنى يېزىپ چىقىش؛ مەيلى ئېلېكترونلۇق كىتاب بولسۇن ياكى قەغەز ماتېرىياللىق كىتاب بولسۇن، ئىككى ھەپتىدە بىر كىتاپ ئوقۇش؛ ئەگەر كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش ئادىتى بار بولسا تېخىمۇ ياخشى.
   5. سومكىسىغا قەغەز، ھۆل قەغەز، قەلەم، كىچىك دەپتەر، سۇلياۋ خالتا قاتارلىقلارنى ساقلاش. مەسىلەن، ئەخلەت تاشلاش قولايسىز ۋاقىتتا، ئەخلەتنى ئاۋۋال سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، كەينىدىن قولايلىق ۋاقىتتا تاشلىۋەتسەك بولىدۇ.
   6. ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا، يانفوننى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىق؛ كۈندۈزى يانفونغا بىرىلىپ كەتمەسلىك، ئىشلارنى قىلىشتا دىققىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش.
   7. ئۆگىنىش. مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، بىز پەقەت توختىماستىن ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز.
   8. مالىيە باشقۇرۇش. مالىيە باشقۇرۇش دېگىنىمىز، پۇل يېغىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىمىزنى ياخشى كونترول قىلالايدىغان بولىشىمىز، پۇلنى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپ خەجلىمەسلىكىمىز لازىم.
   9. پىلان تۈزۈشنى بىلىش. يىللىق پىلان، ئايلىق پىلان، ھەپتىلىك پىلان، ھەتتا كۈندىلىك پىلان بار بولۇشى كېرەك.
   10. ساياھەتكە چىقىش. ياخشى پىلان تۈزۈپ، ئەڭ ئاز پۇل بىلەن ئەڭ كۆپ جايلارنى ئويناپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش.
   11. ئۆزىنى خۇلاسىلاش. پەقەت ئۆزىمىزلا ئۆزىمىزنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىمىز؛ ھەممىلا ئادەمنىڭ بىزنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، ئۆزىمىزنى خۇلاسىلاپ تۇرۇشقا ماھىر بولساق، بىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号