ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » يەرلىك رىتسىپلار
ئاياللار كىسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىياتقۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئاياللارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئاياللارنىڭ ساغلاملىق ئاساسىدۇر. ئاياللار ساغلام بالىياتقۇسى ئارقىلىق يىڭى ھاياتلىقنى يىتىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىياتقۇ ئىچكى ئاجرالمىلارغا تەسىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بالىياتقۇ ساغلاملىقىنى ئاسراش، ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ.
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئاياللار تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىياتقۇنىڭ زەھەرلەرنى ھەيدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
دولانا(山楂)
   دولانانىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە تېخى جاننى جانلاندۇرۇپ، ئۇيىۋالغان قانلارنى ئىرىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئاياللار ھەمىشە دولانا يەپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ قان ماغدۇرىنى تەڭشەپ، بالىياتقۇ ئىچىدىكى بۇزۇق قانلارنىڭ چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يىشىل پۇرچاق(绿豆)
   ياز كۈنلىرىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، نۇرغۇن كىشىلەر يىشىل پۇرچاقتا شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىشنى ياكى يىشىل پۇرچاقنىڭ ئۆزىنى قاينىتىپ ئىچىشنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە، يىشىل پۇرچاقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھۆللۈكنى ھەيدەپ زەھەر تازىلاش رولى بار بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بالىياتقۇنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
قارا ئالقات(黑枸杞)
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاياللار قارا ئالقاتنى چايغا چىلاپ ئىچىپ سىناپ باقسا بولىدۇ؛ چۈنكى، قارا ئالقات تەركىبىدە سىئانىدىن ماددىسى مول بولۇپ، ئاياللار بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش ۋە بالىياتقۇنى ئىللىتىش رولىنى ئويناپ، ئاياللارنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号