ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » يەرلىك رىتسىپلار
بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىمساھ بىلەن چىشلەشكەن دادا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
    فىلىپىنلىق بىر دادا تىمساھنىڭ پۇتىنى چىڭ چىشلىۋىلىپ قويۇپ بەرمەي، ئغولىنى تىمساھنىڭ ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرغان؛ تىمساھ ئۇنىڭ ئوغلىنى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇ ئاندىن تىمساھنىڭ پۇتىدىن ئېغىزىنى بوشاتقان.
    12ياشلىق دىياگو، ئۇكىسى بىلەن ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دەريادا سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينىغان ھەمدە بۇ جەرياندا تىمساھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
    ئۇلارنىڭ دادىسى تېجادا بالىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆيىدىن 100مىتىر يېراقلىقتىكى دەريا تەرەپكە قاراپ يۈگۈرگەن ھەمدە قولىدا بىر ياغاچ تاختىنى كۆتۈرگىنىچە دەرياغا سەكرەپ چۈشكەن. دەسلىۋىدە، تېجادا قولىدىكى ياغاچ تاختاي بىلەن تىمسانىڭ بۇرۇن قىسمىغا كۈچەپ توختىماي ئۇرغان، ئەمما بۇ ھايۋان دىياگونى يەنىلا قويۇپ بەرمىگەن. ئۈمىدسىزلىككە تولغان بۇ دادا، تىمساھنىڭ پۇتىنى تۇتىۋىلىپ، ئىت سۆڭەك چىشلىگەنگە ئوخشاش چىڭ چىشلىۋالغان.
    ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ تىمساھ ئويلىمىغان يەردىن دىياگونى قويۇپ بىرىپ، دۇغا كەلگەن سۇ ئىچىدە يېراققا ئۈزۈپ كىتىپ قالغان. تېجادا تىز سۈرئەتتە يارىلانغان ئوغلىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
    تېجادانىڭ دىيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ باشقىنى ئويلاشقا ئۈلگىرەلمىگەن؛ ئۇ ياغاچ بىلەن تىمساھنى كۈچەپ ئۇرغان بولسىمۇ، تىمساھ ئۇنىڭ بالىسىنى قويۇپ بەرمىگەن. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىزلا تىمساھنى چىشلىۋىلىش خىيالى كىلىپ قالغان ھەمدە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، ئوغلىنى تىمساھنىڭ ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرغان.
    دىياگو، دوختۇرخانىدا ئىككى ئاخشام يېتىپلا يېنىپ چىققان. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ نەچچە يىرىدە جاراھەت ئىزى قالغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ كەلگۈسى سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
    كىيىنكى تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، دىياگو ئەينى ۋاقىتتا ئۇكىسى بىلەن دەريادا يۇيۇنىۋاتقاندا، تىمساھ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ سول بىلىكىنى چىشلىۋالغان ھەمدە ئۇنى تارتىپ تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان سۇ رايونىغا تارتىپ ئەكىرمەكچى بولغان؛ بۇ جەرياندا، دىياگونىڭ بەدىنىنىڭ نەچچە يىرى زەخمىلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۇكىسى بېرىپ دادىسىنى چاقىرىپ كەلگەن؛ ئاخىرىقى نەتىجىدە دادىسى تىمساھ بىلەن چىشلىشىپ ئوغلىنى قۇتقۇزغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号