ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » يەرلىك رىتسىپلار
چېچىڭىز چۈشۈپ كىتىۋاتامدۇ؟ بۇ شورپىنى ئىچىپ سىناپ بېقىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   غەم-ئەندىشە، قۇۋۋەت يىتشمەسلىك....مەيلى نىمە سەۋەبتىن بولمىسۇن، چاچ چۈشۈش ئادەمنى بوش بىئارام قىلمايدۇ. ئەگەر سىزدىمۇ چاچ چۈشۈش ھادسىسى كۆرۈلگەن بولسا، تۆۋەندە تۇنۇشتۇرۇلغان بۇ شورپىنى تەييارلاپ، ئىچىپ سىناپ بېقىڭ؛ بۇ خىل شورپىنىڭ، چاچنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قارا ھەم پاقىراق قىلىشقا پايدىسى بار.
   كىتەرلىك ماتىريال: قارا پۇرچاق 75گىرام، نىلوپەر غولى 250گىرام، توخۇ گۆشى(يېرىم تۇخۇ)، چىلان 4تال، زەنجىۋىل 5گىرام، تۇز.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا پۇرچاقنى قازانغا سېلى قۇرۇق قورۇپ، سىرتىدىكى پوستى يېرىلىپ ئېتىلغاندا قازاندىن ئېلىپ، سۇدا چايقاپ يۇغاندىن كىيىن قۇرۇتۇپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛
   2. يېرىم توخۇ گۆشىنى پۈتۈن ھالەتتە قويساقمۇ بولىدۇ، ۋە ياكى چوڭراق نەچچە پارچىغا بۆلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
   3. نىلوپەرغولى، چىلان، زەنجىۋىللارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ نىلوپەر غولىنى پارچە ھالىتىدە توغرايمىز، چىلاننىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ تەييار قىلىمىز، زەنجىۋىلنى بولسا پوستىنى سويىۋىتىپ ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   4. قۇم قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، قارا پۇرچاق، توخۇ گۆشى، نىلوپەرغولى، چىلان ۋە زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى بىراقلا قازانغا سېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئۇدا ئۈچ سائەت قايناتقاندىن كىيىن، تۇز سېلىپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号