ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » يەرلىك رىتسىپلار
ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەم بوشىتىشتىكى يەرلىك رىتسىپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆپ قىسىم كىشىلەر باناننى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ، بانانمۇ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرسى. ئۇنداقتا، باناننىڭ ئادەتتىكى ئىستىمالدىن باشقا پايدىلىق تەرەپلىرى بارمۇ؟
   ئەلۋەتتە بار. باناننىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، نىپىز پارچە قىلىپ توغراپ قازانغا سالىمىز؛ كەينىدىن ئازراق ناۋات سالىمىز؛ ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قازاننى قاينىتىمىز. تەخمىنەن 10مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ناۋات پۈتۈنلەي ئىرىپ بولغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۇسۇپ ئېلىپ، سۇۋىغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
   بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييار قىلغان يېمەكلىكنىڭ، ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئادەتتە زۇكامداپ ھۆتىلىپ قالغان ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن بىر چىنە ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ. ئەگەر بەلغەم بوشىماي، قۇرۇق ھۆتەل ئېغىر بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇشۇ ئۇسۇلدا بانان بىلەن ناۋاتنى قوشۇپ قاينىتىپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسەك، بەلغەم بوشىپ ھۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دورا ئىچىش ياكى ئوكۇل ئورغۇزۇش كەتمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号