ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىدا تالاغا قاراشقا نىسبەتەن، ئەقىللىق بىر ئايال بولۇڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىشىنىمەنكى، توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان ھەربىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار، ئىلگىرى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ بىرگە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ سىناقلىرى قاتارلىقلار، ئەسلىدە رومانتىكىلىققا تولغان خام-خىياللارنىڭ ھەقىقى قىياپتىنى ئاشكارىلاپ، تۇرمۇش بارغانسىرى ئەمىلىيەتچىللىككە تولىدۇ، قىزغىنلىق بارغانسىرى سۇسلىشىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، توي تۇرمۇشىغا بولغان ساداقەتلىك دەرىجىسىمۇ تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت، مۇقەررەر بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ
   ئاز بولمىغان ئاياللار، ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان "مۇھەببەت دۈشمەن"لىرىگە يولۇقۇپ باققان. مەيلى سىزنىڭ ئىرىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇ "مۇھەببەت دۈشمىنى"گە يېقىنلاشقان بولسۇن، ياكى قارشى تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىرىڭىزغا يېقىنلاشقان بولسۇن، ئايال كىشىدە بۇنىڭغا قارىتا كۆرىلىدىغان ئىنكاس ئىككى خىل بولىدۇ: بىرسى قارشىلىشىش، يەنە بىرسى چىكىنىپ چىقىش؛ بىراق، مەيلى  قايسى خىل تاللاشنى قىلماڭ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆزىڭىزگە چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئەركىشى شاللاق ئالا كۆڭۈل بولسا، ئازراقمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئايال كىشى تىز سۈرئەتتە بۇ خىل مۇناسىۋەتتىن چىكىنىپ چىقىشى كىرەك؛ بىراق، ئەگەر ئەركىشىنىڭ بىر مەزگىللىك ئەقلىدىن ئاداشقانلىقىنى ھەمدە سىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىغا كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنى بىرقېتىم كەچۈرۋىتىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزمەيمەن دىيەلمەيدۇ، ئەرلەرمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە. ئەمىلىيەتتە، "مۇھەببەت دۈشمىنى"گە بولغان پوزۇتسىيەدىن، بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى ئاسانلا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىرىڭىز بىلەن بولغان مۇھەببىتىڭىزگە قارىتا ئىشەنچىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا مۇھەببەت دۈشمىنىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشى، سىزنىڭ ئەمىلىي كۈچىڭىزنى سىنايدىغان بىر سىناق بولۇپ قالىدۇ.
   ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭغا چىكىنىشكە بىر يول بىرىشىڭىز كىرەك.
   مىن مىن، ئەقىللىق ھەم چىرايلىق، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىر ئايال بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى؛ ئىرى جاڭ يوڭ بولسا بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى. ئۇلار توي قىلغىلى بەش يىل بولغان بولۇپ، ئوماق بىر ئوغلى بار، ئۇلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، مىن مىن بىر كۈنى ئىرىنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان. ئۇ كۈنى، مىن مىن كاماندۇرۇپكىدىن مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئىشىك ئالدىدا باشقا بىر ئايال كىشىنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى تۇرغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۆينىڭ ئىچىدىن بولسا، ئىرى بىلەن ئىرىنىڭ ياردەمچىسى ئىككىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. مىن مىننىڭ بېشى پىقىراپ، ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ ئىككىسىنى شەرمەندە قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە نەچچە كۈن ئاۋال ئىرىنىڭ مۇلايىملىق بىلەن پۇتىنى يۇيۇپ قويغان ھالىتىنى ئويلاپ، ئىرىم مىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە ئۆيگە بۆسۈپ كىرىشتىن يالتايغان. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەگەر ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ ئىككىسىنى شەرمەندە قىلسا، ئىرى ئوسال ئەھۋالغا قېلىپ، ئاچچىقىدا ئۇنىڭدىن يېراقلىشىپ كىتىشى، ھەتتا ئۇ ئايال بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى؛ شۇڭا، ئۇ كۆڭلىدە ئىرىنىڭ بىر مەزگىللىك ئەقلىدىن ئاداشقانلىقىنى، ئەمىلىيەتتە بولسا ئۆزىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، ئىرىنى بۇ قېتىم بىر قېتىم كەچۈرۈشنى ئويلاشقان. ئەمما ئۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمىگەن؛ ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئالدى بىلەن ئۆيىگە تېلفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ھۆججەتنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، ھەمدە شىياۋ لىنىڭ(شىياۋلى، دەل ئىرىنىڭ ياردەمچىسى، مىن مىننىڭ مۇھەببەت دۈشمىنى) بېرىپ تاپشۇرۋىلىپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئىرىنىڭ جاۋابىنى ساقلىمايلا تېلفوننى ئۈزىۋەتكەن. كەينىدىنلا ئۇ ئىرىنىڭ ياردەمچىسى شىياۋلىغا تېلفون قىلىپ، ئۆيىگە بېرىپ ھۆججەتنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بىرىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى مەكتەپتە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ناھايىتى تىزلا، شىياۋلى ھۆججەتنى ئېلىپ مەكتەپكە پەيدا بولغان؛ بۇۋاقىتتا، ئۇنىڭ چىرايىنى پۈتۈنلەي خىجىللىق تۇيغۇسى قاپلىغان ئىدى. مىن مىن شىياۋ لىنىڭ قولىدىن ھۆججەتنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرگەنچە رەھمەت ئېيتقان؛ بىراق، شىياۋلى قايتىش ئۈچۈن كەينىگە ئۆرىلىشىگە، مىن مىننىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئويلىشىچە، ئەگەر بۇنداق قىلىپمۇ ئىرىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۋىلىشقا بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ بۆلەك توي مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كىچىش لازىم ئىدى.
   ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا چىقتى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، جاڭ يوڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلمىدى؛ ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك كۆرۈلۈپ باقمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەخىتلىك ئۆتتى.
   بىز شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتمۇ، بەلكىم رومانتىكىلىققا  ۋە ھاياجانلىق، قىزغىنلىق تۇيغۇسى تولغان مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن. رىئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ھەقىقى سەۋەپ، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكىم ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ توغرا بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۋىتىشىدۇر. كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت، پەقەت بىردەملىك قىزىقلىقتىن كىلىپ چىققان نەتىجە بولۇپ، قىزىقلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن تەبىئيلا يوقايدۇ.
   شۇڭلاشقا، ئەقىللىق ئايال كىشى توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتكە قارىتا، ئەگەر ئىرىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغان بولسا ھەمدە ئۆيىنى بۇزۇشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، قارشى تەرەپكە بىر قېتىم پۇرسەت بىرىدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، ھەقىقى تۈردە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇھەببەت، ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇپ، خۇددى شىددەتلىك ئېقىن قۇملارنى ئېقىتىپ كىتىپ، ئالتۇننىلا قالدۇرغانغا ئوخشايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号