ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر نىمىشقا ئۇرۇق ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-28كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قارىماي بولمايدۇ.
  ئادەتتە، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئۇرۇق ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇرۇق ئايال كىشى ھەرقانداق كىيىم كېيسە يارىشىدۇ؛ ئەكسىچە، سېمىز ئايال كىشى ھەرقانچە چىرايلىق كىيىم كىيىۋالسىمۇ، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇرۇق ئاياللارنى ئاسانلا قۇچاقلاپ كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئەرلەر ئايال كىشىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، كۆڭلى بەخىت تۇيغۇسىغا تولىدۇ؛ بىراق، ئەگەر سىز سېمىز بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەركىشى سىزنى قۇچاقلاپ كۆتۈرەلمەي قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇرۇق ئايللارىڭ بەدەن فىگورى ئەگرى سىزىقچىلىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى تەنناز كۆرىنىدۇ.
   لىكىن، بۇ يەنىلا سېمىز قىزلارغا چىقىش يولى قالمىغانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىك قارىشى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەس، سېمىز ئاياللارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرمۇ بار.
   مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشتە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى ياخشى كۆرۈش كىرەك. ئەگەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىلا چىرايلىق بولۇپ، ئىچكى دۇنياسى مەينەتچىلىككە ۋە پەسلىككە تولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداقلاردىن يېراق تۇرماي بولمايدۇ، بولمىسا يۈزىمىزنى تۆكىۋالىدىغان گەپ. شۇڭا كەلگۈسىدە تويلىشىش ئوبىكتى تاللىغان ۋاقىتتىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ سىرتقى قىياپىتىگىلا قارىماي، ئۇنىڭ ئىچكى ساپاسىغىمۇ قاراش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号