ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاجراشقان ئاياللار، كۈن تېخى ئۇزۇن، ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىۋەتمەڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-07كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
   ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرى بىرسى ئۇنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان بولۇپ، 35ياشلىق توي قىلىپ ئاجراشقان بىر ئايال ئىكەن.
   گەرچە ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئايال تىلغا ئېلىنسا، دوستۇمنىڭ چىرايىدىكى بىزارلىق ۋە تۆۋەن كۈرۈش ئىپادىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك چىقىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى، ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بىكار تۇرۇپ قالغان بولغاچقا، بىكار تۇرغۇچە دەپ ئىجارىگە بەرمەكچى بولغان.
   يېقىنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا، ئۇ ئۆيىنى ھېلىقى 35ياشلىق ئاجراشقان ئايالغا ئىجارىگە بەرگەن.
   ئادەتتە، كىشىلەر ئۆيىنى خالىغان كىشىگە ئىجارىگە بىرىشنى خالىمايدۇ، ئىجارە پۇلى ئازراق بولسىمۇ، ئۆيىنى بۇزۇپ دەپسەندە قىلىۋەتمەيدىغان ئادەمگە ئىجارىگە بىرىشنى ئويلايدۇ.
   چىرايىدىن قارىغاندا، دوستۇم ئۇ ئايالدىن خېلىلا رازى بولغان؛ ئۇ ئايال گەرچە 35ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قارىماققا 28-27ياشلاردەك كۆرىنەتتى؛ بەش ئەزالىرى قاملاشقان بولۇپلا قالماي، ياسىنىشىمۇ ناھايىتى نەپىس ۋە پاكىزە ئىدى.
   نەتىجىدە دوستۇمنىڭ ئويلاپ يىتەلمىگىنى، سىرتقى كۆرىنىشتە شۇنداق نەپىس كۆرىنىدىغان بىر ئادەم، ئەمەلىيەتتە، ئىنتايىن قالايمىقان ھەم مەينەت ئىكەن.
   بىر نەچچە قېتىم، دوستۇم ئىجارە پۇلىنى ئالغىلى بارغان؛ بىراق ئۇنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى، ئىشىكتىن كىرسىلا، ئۆي ئىچىدىكى قوي ئېغىلىغا ئوخشاش قالايمىقانچىلىق  كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، ئىچ كىيىم، پايپاق دېگەنلەر ھەممە يەرگە تاشلاقلىق ئىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە پۇت دەسسىگۈدەك يەر يوق، پۈتكۈل ئۆينىڭ دېماقنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر خىل سېسىق پۇراققا تولغان، ئاشخانىغا بولسا كىرگىلىمۇ بولمايتتى.
   دوستۇم ئاخىرىدا، بىر ئايلىق ئىجارە پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش بەدىلىگە، ئۇ ئايال بىلەن بولغان ئىجارە مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
   ئىشتىن كىيىن، دوستۇم ساق بىر ھەپتە تازىلىق قىلىپ، ئاندىن ئۆينى ئۆيگە ئوخشايدىغان ھالەتكە ئەكەلگەن. ئۇ يەنە خوشنىلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ئۇ ئايال مەينەت بولغاندىن سىرت، شەخسىي تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن قالايمىقان ئىكەن؛ ھەركۈنى دىگۈدەك ئوخشىمىغان ئەرلەر ئۇنى ئالغىلى كېلىدىكەن، بەزىدە يېرىم كىچىدە، ھەتتا ئىككىنچى كۈنى ئاندىن قايتىىپ كېلىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ھەر دائىم ئوخشاش بولمىغان ئەرلەرنى ئۆيگە باشلاپ كىلىپ قوندۇرىدىكەن.

-2-
   بۇ ھەرگىز ئالاھىدە ئەھۋال ئەمەس، تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.
   بەزى ئاياللارنىڭ تۇغۇلما تەبىئىتى مۇشۇنداق كېلىدۇ، بۇ يەردە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز؛ لېكىن بەزى ئاياللار، ئاجراشقاندىن كىيىن شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئارزۇ-ئارمانلىرى پۈتۈنلەي يوققا چىقىپ،  دۇنياغا نىسبەتەن قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ.
   كەينىدىن، ئوخشاشلا ئاجرىشىپ كەتكەن بىر نەچچە ئايال كىشى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ناچار ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ.
   مۇھىت ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بولۇپ، بىر ئادەمنى راستتىنلا ئۈزۈل-كىسىل ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ؛ ھەركۈنى ناچار ئىدىيەلەرنىڭ سىڭدۈرۈلىشىگە ئۇچراپ، ئاجرىشىش ئېلىپ كەلگەن زەربىدىن ئىچكى دۇنياسى ئەسلىدىلا ئاجىز ھەم سەزگۈر بولۇپ قالغان ئۇ ئاياللار، تېخىمۇ ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
   يەنە بىر خىلدىكى ئاياللار بار بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەتتە زور ئازاپلىنىشقا ئۇچرىغان بولغاچقا، بىر خىل "ئۆچ ئېلىش" پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ.
   شۇنداق، سىز بىر قېتىم ئاجرىشىپ كەتكەن، لىكىن بۇ سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ ئەكسىچە، كىشىلىك ھاياتىڭىز تېخى ئۇزۇن. شۇڭلاشقا، ئاجرىشىش سىزنى گۇمران قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلغان بولىسىز.
   شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئاجرىشىشتىكى مەقسەت، قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن بولىدۇ.
   قەيەردە يېقىلغان بولساق، شۇ جايدا تۇرۇپ كېتىشىمىز كېرەك. ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارمۇ، ئوخشاشلا شانلىق ھاياتقا ئىرىشەلەيدۇ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە زوقلىنىپ ھەۋەس قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.
   ئاجرىشىش، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىشىڭىزگە سەۋەب بولالمايدۇ؛ سىزنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپىڭىز، بىر قېتىم ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بوشاپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، توي تۇرمۇشى سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بارلىق قىسمى ئەمەس.
  ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا، ئاجرىشىش، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولىشىڭىز بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. ئاجرىشىپ كەتسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ بۇ پەقەت كىشىلىك ھاياتتىكى شۇنچە كۆپلىگەن ئۆتكەللەرنىڭ بىرى. شۇڭا، ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەتىكى تۇرمۇش، سىزنىڭ بۈگۈنكى تاللىشىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

-3-
   بەرداشلىق بىرىش بىلەن ۋاز كېچىش، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاخىرلىشىدىغان تاللاش؛ لېكىن، ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان كىشىلىك ھاياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
   ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللار، ئۆزىنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئۆزىنى قەدىرلەپلا قالماي، يەنە توغرا-خاتانى ئىنىق ئايرىشنى ئۆگىنىپ، نىيىتى دۇرۇس بولمىغان كىشىلەرگە ئازراقمۇ پۇرسەت قالدۇرماسلىقى كېرەك.
   بۇنداق ۋاقىتتا، سىزگە يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان ئەرلەر نۇرغۇن بولىدۇ، ھەرگىز بەزىبىر شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقلىرى ۋە كىچىك بىر ھىممەتلەردىن ئەس-ھوشىڭىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك. بۇزۇق ئەرلەرنىڭ ئەقلىي ۋە ھېسسىي كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەن چاغلاپ قالماڭ؛ ئۇلار سىزنىڭ يىڭىدىن ئاجراشقانلىقىڭىزنى ھەمدە تەسەللى ۋە ئىتراپ قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئوبدان بىلىدۇ.
   ئاجراشقاندىن كىيىن، سىز قايتا توي قىلماسلىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇ دۇنيانىڭ يەنە گۈزەل تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىغا ۋە مۇھەببەتنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە چوقۇم ئىشنىڭ. بىر قېتىملىق ئازابقا دۇچار بولۇش بىلەن، مەسىلىلەرگە بىتەرەپلىمە قارايدىغان ۋە پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بولۇپ قالماڭ.
   ئەگەر ئاكتىپ ۋە ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە تۇرمۇشقا يۈزلەنسىڭىز، ئوخشاش بولمىغان بىر مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز، ئۇ بەلكىم سىز ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان گۈزەللىك بولۇشى مۇمكىن.
   ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئاجرىشىش، ئاياغلىشىشتىن ھەم باشلىنىشتىن دېرەك بىرىدۇ. ئاۋۋال ئۆتمۈش پۈتۈنلەي ئۈزۈلىشىڭ، ئاندىن كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى پىلانلاڭ؛ ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، كىشىلىك ھاياتنى قايسى ۋاقىتتا باشلىساق، ئوخشاشلا كىيىن قالمايمىز.
   سىز پەقەت ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مۇھەببەتكە تولغان يۈرىكىڭىز بىلەن يۈزلەنسىڭىزلا، بۇ دۇنيانىڭ يەنىلا ئىللىقلىققا تولغانلىقىنى بايقىيالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号