ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-08كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى مىۋە-چىۋىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كەتكەن.
   كۆپ قىسىم مىۋە-چىۋىلەر ئىلگىرىكى مىۋە تەمىنى يوقىتىپ، ئۇلاردا پەقەت تاتلىق تەملا قالغان. نۇرغۇنلىغان مىۋە-چىۋە سودىگەرلىرى، مىۋىنىڭ شىكەر تەركىبىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ مىۋىنىڭ باھاسىنى بېكىتىدۇ. بۇ دەل، ھازىر بىز يەۋاتقان مىۋىلەرنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
    ئۇنداقتا، بازار ئامىلىدىن باشقا، ھازىرقى مىۋىلەرنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن يەنە قايسىلار بار؟
   ھازىرقى مىۋىلەرنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كېتىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئاۋال مىۋىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تاتلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مىۋىنىڭ قەنت تەركىبى ۋە ئادەمنىڭ تەم سىزىمى
    مىۋىنىڭ تاتلىق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە، ئۈچ چوڭ تۈردىكى قەنت تەركىبى(ساخارىدلار) بار: گىلوكوزا، فروكتوزا(果糖)، ساخاروزا(蔗糖).
   ھەربىر خىل مىۋە تەركىبىدىكى بۇ ئۈچ خىل قەنتنىڭ نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس، ئۈچ خىل قەنتنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس.
   بۇنىڭ ئىچىدە، فروكتوزىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ساخاروزىنىڭ 1.7ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ گىلوكوزىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ساخاروزىنىڭ 0.7ھەسسىسىچىلىكلا كېلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، فروكتوزا تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان مىۋىلەر، ئادەتتە بىرقەدەر تاتلىق كېلىدۇ؛ مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت، ماڭگو قاتارلىق مىۋىلەر.
   بۇندىن باشقا، مىۋە تەركىبىدە يەنە كىراخمال ئىنىزىمى بار بولۇپ، ئۇلار مىۋىنىڭ كىراخمال تەركىبىنى پارچىلاپ قەنت تۈرىگە ئايلاندۇرالايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىۋىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئورگانىك كىسلاتالار نەپەسلىنىش تەسىرىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ۋە سۇ ياكى قەنتكە ئۆزگىرىپ مىۋىنىڭ قەنت تەركىبىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىۋە تەركىبىدىكى مىۋە يىلىمى تەدرىجى ھالدا سۇدا ئىرىپ، مىۋىمۇ يۇمشايدۇ.
   "تاۋۇز ۋە ئالما قاتارلىقلارنى ئازراق ۋاقىت قويۇپ قويسا تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ كېتىدۇ" دېگەن تۇرمۇش ساۋاتلىرى، دەل مۇشۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن كېلىپ چىققان.
   مىۋە يىگەندە تاتلىق تەم ھېس قىلىشتا، ئوبىكتىپ سەۋەبلەردىن باشقا، يەنە سوبىكتىپ سەۋەبلەرمۇ مەۋجۇت.
   ئىنسانلارنىڭ تاتلىق تەمنى ھېس قىلالىشى، ئىنسانلارنىڭ تەم سەزگۈسى بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەم سەزگۈسى تاتلىق تەمنى ھېس سىزىپ يىتەلەيدىغان بولۇپ، ئادەم مۋە يىگەن ۋاقىتتا، مىۋە تەركىبىدىكى تاتلىق تەم ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا تەم سەزگۈسى ئادەمگە تاتلىق تەمنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئىنسانلارنىڭ شۆلگىيىدە بىر خىل كىراخمال ئىنىزىمى بار؛ بۇ خىل ئىنىزىم مىۋە باشقا يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كىراخمالنى پارچىلىيالايدۇ. شۆلگەي كىراخمال ئىنىزىمى ئىنسانلارنىڭ شۆلگىيى بىلەن تۇلۇق ئۇچراشقاندىن كىيىن، كىراخمال ئىنىزىمى كىراخماللارنى پارچىلاپ تۆۋەن مولىكولالىق قەنتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئىنسانلار تىلىدىكى تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ئاجرىتىپ ھاسىل قىلىنغان تۆۋەن مولىكولالىق قەنتلەرنىڭ تاتلىق تەمىنى ھېس قىلالايدۇ.
تەدرىجىي تەرەققىيات مىۋىلەرنى بارغانسېرى تاتلىق قىلغان
   قەنتنى تاللاش، جانلىقلارنىڭ بىر خىل تۇغۇلما تەبىئىتى. بىز ئادەتتە مىۋە-چىۋە سېتىۋالماقچى بولساق، بىرىنچى بولۇپ سورايدىغىنىمىز، "بۇ مىۋە تاتلىقمۇ ئەمەس" دەپ سوراش بولىدۇ.
   ئادەمنىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق. تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچە زەھەرلىك كېلىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەر بولسا كۆپىنچە ئىنىرگىيە تەركىبى يۇقىرى كېلىدۇ؛ شۇڭا، بۇ خىل ئىھتىياج ئىنسانلارنىڭ گېنىغا ئورناپ كەتكەن.
   تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، گەرچە يېمەكلىك يىتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما بىز تاتلىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى يىگەن ۋاقىتتا، يەنىلا خۇمار بولۇپ قالغاندەك قانائەت ۋە بەخت ھېس قىلىمىز.
   تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ماددىلار تىپىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
   جانلىقلار ئىنىرگىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان مىۋىلەرگە بەكرەك ئامراق بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بۇ خىل مىۋىلەرنىڭ ئۇرۇغى تېخىمۇ ياخشى ھەم كەڭرى تارقىلىدۇ. شۇڭلاشقا، جانلىقلارنىڭ تاللىشى، ۋاستىلىك ھالدا مىۋە-چىۋىلەرنىڭ تەبىئىي تەرەققى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   مىۋە قانچە تاتلىق بولغانسېرى، كۆپىيىش پۇرسىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
   تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىۋىلەرنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كېتىشى، مىۋىلەرنىڭ تەدەرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پەن تېخنىكا، مىۋىلەرنىڭ تاتلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى
   ئىستىمال بازىرىدا، ئىستىمالچىلار ھەم تاتلىق ھەم ئېتى تولغان مىۋىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مىۋىلىك دەرەخنى يېتىشتۈرۈش مەسىلىسىدە، ئالىملا تەبىئىيلا بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قەنت تەركىبى يۇقىرى، ئېتى تولغان مىۋىلەرنى يىتىشتۈرۈشكە كۈچەيدۇ.
   قايتا-قايتا سىناق قىلىپ يىتىشتۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، مىۋىلەر بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كېتىدۇ.
   مىۋىلەرنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ئويلىشىدىغانلار، پەقەت ئىستىمالچىلارلا بولۇپ قالماستىن، مىۋىلىك دەرەخ يېتىشتۈرىدىغان باغۋەنلەرمۇ، مىۋىل دەرەخ كۆچىتى سېتىۋالغان ۋاقىتتا، بۇ خىل سورتتىكى مىۋىنىڭ قەنت مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلىشىدۇ.
   مىۋە سورتىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن، مىۋىلىك دەرەخ كۆچىتىنى تىكىپ يىتىشتۈرۈش جەريانىدا، يەنە بەزىبىر يىتىشتۈرۈش تاكتىكىلىرىنى قوللىنىش، مۇۋاپىق تۈردە ئۆسۈملۈك ھورمۇنى ئىشلىتىش، ئۇغۇت قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، مىۋىنىڭ قەنت مىقدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى، تەمىنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.
   شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، سورت يىتىشتۈرۈش، مىۋىلەرنىڭ تاتلىق بولۇپ ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئامىل. مىۋىلىك دەرەخلەرنى يىتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بولسا، مىۋىنىڭ تېخىمۇ تاتلىق بولۇشىدىكى ياردەمچى ۋاستە.
قەدىمكى زاماندىكى مىۋىلەر ھازىرقىدەك تاتلىق ئەمەس
   بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتقان مىۋىلەرنى يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، قەدىمكى زاماندىكى مىۋىلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
   17-ئەسىردىكى رەسسام گىئوۋاننى.سىتانچىنىڭ بىر پارچە رەسىمىدە، شۇ دەۋردىكى تاۋۇز خاتىرىلەنگەن. بۇ تاۋۇز ئەمىلىيەتتە بىز ھازىر كۆرىۋاتقان تاۋۇزغا ئوخشاش ئۇنداق سۇلۇق ھەم ئېتى كۆپ ئەمەس بولۇپ، يىيىشكە بولىدىغان قىسمى ئىنتايىن ئاز ئىدى.
   باناننىمۇ، ئىنسانلار بويسۇندۇرۇشتىن بۇرۇن يىگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئەينى زاماندىكى باناننىڭ مىۋە ئېتى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئۇرۇغ بار ئىدى.
دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مىۋىلەر چەتئەللەردىن تارىلىپ كىرگەن، مەسىلەن، ئانار، ئۈزۈم، سىپارى، لىجى، ياڭاق، زەيتۇن قاتارلىقلار. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئاستىدا، گەرچە تەمى ئۆزگىچە مىۋىلەر بار بولسىمۇ، ئەمما سورتى ۋە تاتلىقلىق دەرىجىسى ھازىرقىغا ئەسلا يەتمەيتتى.
   قەدىمكى كىشىلەرگە قارىغاندا، بىزنىڭ ھازىر تېخىمۇ كۆپ تاللىشىمىز بار بولغان.
   ئەلۋەتتە، بىز يەنە ئۆلچەمدىن ئارتۇق قەنت تەركىبى قوبۇل قىلىشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. قەنت تەركىبى بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن، تىز سۈرئەتتە ھەزىم قىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرىلىدۇ؛ ئەگەر قەنت مىقدارىنى زىيادە ئارتۇق قوبۇل قىلساق، قاننىڭ قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كىتىدۇ، ئەگەر ئىنسۇلىن تىز سۈرئەتتە تەڭپۇڭلاشتۇرالمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قەنت سىيىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ مىقداردىكى قەنت تەركىبى يەنە بۆرەكنىڭ يۈكىنىمۇ ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
   تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارىتا، ئەندىشە قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا. بىز ئىستىمال قىلىدىغان مىۋىلەر يەنە تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ كېتەرمۇ؟
تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتكەن ۋاقىتتا، چۈچۈمەل تەملىك بولغان چوڭ ئاپلىسىن قاتارلىق مىۋىلەر، بەلكىم تەدرىجى ھالدا ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号