ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قەرەللىك تۈردە ھەرىكەتلىنىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09كۆرۈلىشى : قېتىم
  گېرمانىيە خەننوۋى تىببىي شۆيەنىدىكى ئالىملارنىڭ كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلار ئارقىلىق، ھەرىكەتلىنىشنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، قەرەللىك تۈردە ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن ھەمدە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
   قەرەللىك تۈردە سۇ ئۈزۈش، ۋەلىسپىت مىنىش، يۈگرەش قاتارلىقلار، ھۈجەيرىنىڭ قايتا تۇغۇلىشىغا ۋە قېرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. خەننوۋى تىببىي شۆيەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن چېنىقىشنىڭ تەجرىبە ئوبىكىتلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا تۇغۇلۇشىغا ۋە بەدەن ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قورامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەرەرللىك ھەرىكەتلىنىشتىن پايدىلىق تەسىرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. خەننوۋى تىببىي شۆيەنى قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھاۋىلىش پىروففىسورنىڭ دىيىشىچە، سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاننىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق خەتەرلى ئامىللار، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىكەن؛ لېكىن ئۇلار ئېلىپ بارغان ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قەرەللىك تۈردە تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن چېنىقىش، خەتەرلىك ئامىللارنى ئازايتالايدىكەن ھەمدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
   تەتقىقاتتا يەنە ئىسپاتلىنىشىچە، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارلارمۇ، ھەرىكەتلىنىش مەشىقىدىن پايدىغا ئىرىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھايۋاناتلار تەتقىقاتىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىكەن؛ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان تەقدىردىمۇ، ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش، كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىدىن كىيىنكى قان تومۇرلاردا زەخمىلىنىش كۆرۈلۈشنى ئازايتىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号