ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەتىگەندە ئاچ قورساق سۇ ئىچىش ياخشىمۇ ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋىلىشقا ئادەتلەنگەن. لېكىن يېقىندا، ئەتىگىنى ئاچ قورساق سۇ ئىچىش ئىشى مىنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
   چۈنكى مەن توردا مۇنداق بىر خىل قاراشنى كۆرۈپ قالدىم: ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئاچ قورساق سۇ ئىچسە، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش دېگەنگە ئوخشاش ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
   بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا سۇ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم ھەمدە بۇ ھەقتە دوستلىرىمدىن مەسىلىھەت سورىدىم.
   ئۇنداقتا، ئەتىگىنى ئاچ قورساق سۇ ئىچسە، بەدەنگە زادى پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ بىر دوستۇم بۇ ھەقتە ماڭا جاۋاب قايتۇردى.
   يېقىندا، توردا كەڭ تارقالغان "20يىللىق ئالدامچىلىق، ئەتىگىنى ئاچ قورساققا سوغۇق قايناق ئىچكەننىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى" دېگەن بىر پارچە ماقالە، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەتىگىنى ئاچ قورساق سۇ ئىچىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىپ قويدى. بۇ ماقالىدا، ئەتىگىنى ئاچ قورساق سوغۇق سۇ ئىچسە، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەتتا قايناقسۇ ئىچسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
   ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدىكى بۇ قاراش تولۇق توغرا ئەمەس.
   پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا، مۇۋاپىق پەيت ۋە ئورۇندا ئىچسەك، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەمما بەدەن سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ئەتىگىنى ئاچ قورساق سوغۇق سۇ ئىچسە، ئىچكى ئەزالارغا قارىتا غىدىقلاش ئېلىپ بېرىپ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش كېرەك؛ سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسى 35-30 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولسا، ئادەم بەدىنى تىمپىراتۇرىسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بولغاچقا، بەدەنگە ئاسانلا سۈمۈرۈلىدۇ.
   بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، ئەتىگىنى ئاچ قورساققا بەك كۆپ سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ؛ 200-100 مىللىلىتىر بولسىلا يىتەرلىك بولىدۇ؛ بولمىسا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号