ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ ھۆتەلنى ياخشىلايدىغان بۇ شورپىنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئەنجۈر نەشپۈت شورپىسى
(无花果炖雪梨)

   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئەنجۈر(无花果)، نەشپۈت، ناۋات، كەتىرا(黄芪)، ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئەنجۈرنى سۇس تۇزلۇق سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويۇپ، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن سۈزۈپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   2. ئەنجۈرنى كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ نەشپۈتنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ، كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز.
   3. ئەنجۈر بىلەن نەشپۈتنى بىللە قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشىمىز.
   4. مۇۋاپىق مىقداردا كەتىرا قوشىمىز.
   5. چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، كىچىك ئوتتا 30 مىنۇت قاينىتىمىز.
   6. ناۋاتنى ۋە ئالقاتنى سېلىپ، يەنە ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
كۈمۈش ئۈرۈك قوشۇپ دۈملەنگەن توخۇ شورپىسى
(银杏炖鸡)

   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ گۆشى، كۈمۈش ئۈرۈك(银杏)، تۇز، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز، ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ قويۇپ قويىمىز.
   2. كۈمۈش ئۈرۈكنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، قايناقسۇدا قاينىتىۋالغاندىن كېيىن، قىزىل رەڭلىك پوستىنى سويۇپ ئېلىۋىتىمىز.
   3. توخۇ گۆشى، كۈمۈش ئۈرۈك، غولپىياز، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشقاندىن كېيىن تۇۋاقنى يېپىپ 30 مىنۇت قاينىتىمىز.
   4. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن تۇز ۋە ئالقاتنى سېلىپ تەم تەڭشەپ، يەنە بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ قوشۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
 
جۈخۇا نەشپۈت شورپىسى
(菊花冰糖雪梨)

   كىتەرلىك ماتېرىيال: جۈخۇا(菊花)، نەشپۈت، ناۋات، ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئالقاتنى سۇغۇق سۇغا بەلگىلىك ۋاقىت چىلاپ قويغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   2. نەشپۈتنى سۇس تۇزلۇق سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويىمىز.
   3. نەشپۈتنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ تەييارلايمىز؛ جۈخۇانى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   4. ئالقات بىلەن نەشپۈتنى قازانغا سالىمىز؛ ئۈستىگە ناۋات ۋە جۈخۇانى قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا مىنرالنى سۇ قۇيىمىز.
   5. 20مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
نەشپۈت دولانا قوشۇپ قاينىتىلغان شورۋىگۈرۈچ
(雪梨山楂糯米粥)

   كىتەرلىك ماتېرىيال: نەشپۈت، نومى گۈرۈچى(糯米)، دولانا(山楂)، ناۋات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازانغا سۇ قۇيۇپ، پوستى سويىۋىتىلگەن ھەمدە ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن نەشپۈتنى سالىمىز.
   2. نومى گۈرۈچىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ تەييارلاپ قويىمىز.
   3. قازاندىكى نەشپۈت سۈيىنى قاينىتىپ، نومى گۈرۈچىنى سېلىپ، كىچىك ئوتتا نومى گۈرۈچى يۇمشىغۇچە قاينىتىمىز.
   4. ناۋاتنى قوشۇپ، ناۋات پۈتۈنلەي ئىرىگۈچە داۋاملىق قاينىتىمىز.
   5. دولانا قەلەمچىسىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号