ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىش ئەڭ چوڭ خاتالىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-05-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىز ھەمىشە، چوقۇم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىش كېرەك دەپ ئېيتىمىز.
   لېكىن، سىزنىڭ توي قىلىشقا بولغان تەلىپىڭىز تۆۋەنلەپ، پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىشنىلا تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تويلىشىش، سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توي قىلىش مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشىمايدۇ، توي تۇرمۇشى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك.
   يازغۇچى لىياۋ يىمېي، ئۆزىنىڭ "مۇلايىملىق" دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: بىز ئۆمرىمىزدە مۇھەببەتنى ئۇچراتساق بۇ ھەيران قېلىپ خۇشال بولغۇدەك ئىش ئەمەس، خوشال بولۇشقا تىگىشلىك بولغىنى، چۈشىنىشنى ئۇچرىتىش.
   ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن توي قىلىشنى ئەڭ چوڭ خاتالىق دەيمىز؟
بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئاسانلا كۆزىمىز كور بولۇپ قالىمىز
   دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ھېسسىيات مۇتەخەسسىسى لېي مىڭ مۇئەللىم ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: "ئەر كىشىنىڭ شىرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭ، ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىنىڭ ئالدىدا، ساۋاتسىز ئەر كىشىمۇ بىر شائىرغا ئايلىنالايدۇ؛ لېكىن، شائىرلار ئەسلىدىنلا رېئال دۇنيادا ياشىماي ئۆزىنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ياشايدىغان كىشىلەردۇر."
   بىراق، بىز ھەمىشە مۇھەببەتتىكى "كۆزى كور" ئادەم بولۇشنى تاللايمىز. چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى تاللايمىز؛ چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە بەك ياخشى ئەمەسلىكىدەك ھەقىقەتنى سۈزۈلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىمىز. لېكىن ئاخىرى بىر كۈنى، مۇھەببەت سۇسلىشىپ، مۇھەببەتتىن ئىبارەت سۈزۈلدۈرگۈچنى تاشلىغان ۋاقتىمىزدا، ئارىدا زىددىيەت-توقۇنۇشتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.
ياخشى كۆرۈش ماس كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ
   بىز ئۆمرىمىزدە بەلكىم نۇرغۇن ئادەمنى ياخشى كۆرىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بىزگە ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈشكە ماس كېلىدىغىنى، پەقەت بىرلا ئادەم.
   بەزىدە، ياخشى كۆرۈش ماس كېلىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. خۇددى سىز بىر قۇر كىيىمنى ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىزگە ماس كېلىدىغان رازمىرىدىكى بولمىغىنىغا ياكى سىزگە نىسبەتەن بەك قىممەت بولغانلىقىغا ئوخشاش، ئۇ كىيىم يىتەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولالمىغان ئەمەس ياكى بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىزمۇ ئەمەس، پەقەت كىيىمنىڭ سىزگە ماس كەلمەسلىكى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىرىشىشىڭىزنى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
   لايىق تاللاشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەمما سىزگە ماس كەلمەيدىغان ئادەمنى تاللىسىڭىز، تەدرىجىي ھالدا ئاراڭلاردا كىلىشكىلى بولمايدىغان زىددىيەت توقۇنۇشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاراڭلاردىكى مۇھەببەتنىڭ بۇ زىددىيەت توقۇنۇشلار جەريانىدا ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. لېكىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئادەمنى تاللىسىڭىز، تەدرىجىي ھالدا ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىڭىز دەسلەپكى زوقلىنىشتىن كېيىنكى ياخشى كۆرۈشكە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
ياخشى كۆرۈش بەلكىم ياسالمىلىق بولۇشى مۇمكىن
   ئادەم، ياسالمىلىققا ئەڭ ئۇستا بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىق.
   ئەگەر بەلگىلىك مەقسەت نىشانى بار ئادەم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇلار سىزنىڭ ياقتۇرۇش خاھىشىڭىزغا ئاساسەن، سىزنى جەلپ قىلىدىغان ساختا ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنى سىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇكەممەل مۇھەببەت ئوبىكتى قىلىپ ياساپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر، ئۆزىنىڭ مەقسەت نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلايدۇ.
   شۇڭا كۆڭۈل ئازابى تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز مەسىلىنى باشلىنىشتىلا تۇنجۇقتۇرۇپ يوقىتىشىمىز لازىم؛ يەنى، ياخشى كۆرۈپ قېلىش توزىقىغا چۈشۈپ كەتمەي، قارشى تەرەپكە ھەر قانچە مەپتۇن بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى ئېنىق كۆرۈپ يىتىپ، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ياكى مەلۇم مەقسەت نىشانى بارلىقىنى ئايرىشىمىز لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号