ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ياشانغانلار ساقلىقى
ياشانغانلار دەلدۈشلىك كىسىلىنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كۈنبويى ئاجىزلىشىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش.
   2. ئەسلىدە تونۇش بولغان ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈش. مەسىلەن، كىيىم كىيىش رەت تەرتىپىنى بىلەلمەي قېلىش، تاماق ئېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىش دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   3. تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈش. مەسىلەن، ئاددىي سۆزلۈكلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش، گەپ قىلىۋىتىپ گەپتىن ئېزىپ كېتىش دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   4. ۋاقىت، ئورۇن ۋە كىشى ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قېلىش.
   5. ھۆكۈم قىلىش كۈچى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىش. مەسىلەن، ياز كۈنى قېلىن چاپان كىيىۋىلىش، قىش كۈنى بولسا نىپىز كۆينەك كىيىۋىلىش قاتارلىقلار.
   6. چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ تەپەككۇر سۈرئىتىگە ئەگىشىپ بولالماسلىق، ھەر خىل تۆلەشكە تىگىشلىك ھەقلەرنى ۋاقتىدا تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىش دېگەنلەرگە ئوخشاش.
   7. ھەمىشە نەرسىلەرنى نامۇۋاپىق ئورۇندا قالايمىقان قويۇش. مەسىلەن، دەسمالنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش دېگەنگە ئوخشاش.
   8. كەيپىيات ئىپادىسى بىنورماللىشىش ۋە ھەرىكەت قىلمىشلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىنورمال بولۇپ قېلىش. مەسىلەن، تۇرۇپ تۇرۇپ سەۋەبسىز ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قېلىش.
   9. مىجەزىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش. مەسىلەن، گۇمانخور، تەشۋىشلىنىدىغان ياكى تىرىككەك بولۇپ قېلىش.
   10. ئىش قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپ قويۇش. مەسىلەن، كۈن بويى بىكارچىلىقتا تېلىۋىزور ئالدىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئىلگىرىكى قىزىقىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىش.
   ئەگەر يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号