ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ياشانغانلار ساقلىقى
يالغۇز تۇرىدىغان بوۋاي-مومايلار بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياشانغانلار يالغۇز تۇرىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلاردا ئاسانلا غېرىپلىق پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار بەزىبىر ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ناچار روھى ھالىتىنى تەڭشەشكە مۇھتاج بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تېخىمۇ بەختلىك ھەم خۇشال ئۆتكۈزەلەيدۇ.
فىزىلوگىيلىك تەڭشەش
   ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلىدۇ.
بىخەتەرلىك
   يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان كىشىلەر، بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ئالدى بىلەن، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ ئەگەر بىرەرسى ئىشىك چىكىپ قالسا، ئىشىكنى ئېچىشقا ئالدىرىماي، كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق سوراپ بىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئېچىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ گەپلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇل-ماللىرىنى ياخشى ساقلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. گاز ئوچاقنى ئىشلەتمەيدىغان ۋاقىتتا، گاز كەيگۈەننى ئېتىۋىتىش، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتمەيدىغان ۋاقىتتا، توك مەنبەسىدىن ئۈزىۋىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ياشانغانلار يېقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، ھەرىكىتى ئاستا كېلىدۇ، شۇڭا يېقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئەگەر ئېھتىيات قىلماي يېقلىپ چۈشۈش سەۋەبلىك مېڭىگە قان چۈشۈش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۆز مەننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش
   يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، روھى كەيپىياتىنى چوقۇم ياخشى تەڭشەپ، مۇۋاپىق تۈردە ئۆز رولىنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە جارى قىلدۇرۇشى لازىم. كۈچىنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بىرىپ، ئىمكان بار جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا، سىز پىسخىكا جەھەتتىن قانائەتلىنىشكە ئېرىشىسىز؛ كۆڭلىڭىز خۇشال تۇرسىڭىز، سالامەتلىكىڭىزمۇ تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号