ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » گۇرۇچ تائاملار
پىروژنە تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خام ماتېريالى : پىروژنە(年糕)، توخۇ گۆشى، كەرەپشە
   تەم خۇرۇچلار:  دىلھان ئالاھىدە پىروژنە قىيامى، جىياڭيۇ
   تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ گۆشىنى نېپىز توغرايمىز؛ كەرەپشىنى يالپاق توغرايمىز؛ (رەسىمدىكىدەك)
   پىروژنىنى پىشۇرۇش: قازانغا پىروژنە لەيلەپ پىشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن پىروژنەنى قازانغا تاشلاپ 5~3مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز.
  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئاز مىقداردا ماي قۇيۇپ ماي  نورمال قىزىغاندا نېپىز  توغرالغان توخۇ گۆشىنى سالىمىز؛ توخۇ گۆشىنى بىرئاز قورىغاندىن كېيىن پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز. كەينىدىن قازانغا 250مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، ئۈستىگە 30گىرام دىلھان ئالاھىدە پىروژنە قىيامى قوشىمىز.
   كىيىنكى قەدەمدە، كەرەپشە قوشقاندىن كىيىن توخۇ گۆشىنى ۋە پروژنىنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىگە نەچچە تامچە جىياڭيۇ تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
  ئالاھىدىلىكى: پىروژنەنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كالىي، ماگنىي، يۇد قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول. پىروژنەنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، باكتىرىيە يوقىتىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان بېسىمىنى ۋە قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، كالتسىي تولۇقلاپ قېرىشنى ئاستىلىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، "ئۈچ يۇقىرى" كېسەللىكى بار كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号