خام ماتېرىيالى: قوي ئۆپكە - قېرىنى، قوينىڭ مايلىق ئۈچىيى، قوي جىگىرى، قوي يۈرىكى، قوي لوق گۆشى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، ئۇن، گۈرۈچ، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، شوخلا، سامساق، پىياز، تۇخۇم، نوقۇت، ئىستېمال مېيى
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، زىرە، ئاقمۇچ، قاقمۇچ، زاراڭزا چېچىكى، پىننە، خەمەك، تۇرغۇنجان ئۇستام ئەنئەنىۋى تەڭشەلگەن دورا-دەرمەكلىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ئۆپكە-قېرىن ۋە مايلىق ئۈچەينى، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
2. خېمىر يۇغۇرۇپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى مىجىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز.
3. ئۆپكە قۇيۇش ناچىسىنى ئۆپكە كانىيىغا چىڭ باغلاپ، خېمىر شىرنىسىنى ماڭغۇزىمىز؛ ئۆپكىنىڭ ھەممە يىرىگە شىرنە بارغاندىن كېيىن، سۇ ماي قۇيىمىز؛ كەينىدىن يۇمشاق قوچۇلغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قۇيىمىز.
4. ئۆپكىنى شىرنە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ماڭغۇزۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قازان ئېسىپ، ئۆپكە-قېرىننى تەڭلا سالىمىز ھەمدە ئۆپكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئارىدا ئۆپكىنى ئۆرۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ)
5. ھېسىپ قۇيۇشقا كېتەرلىك قوي جىگىرى، لوق گۆش، قوي يۈرىكى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، شوخلا، سامساق، پىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، ئاشكۆكى قاتارلىقلارنى دان-دان ھالىتىدە ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
6. گۈرۈچنى يۇيۇپ بولۇپ، قايناقسۇغا سەككىز مىنۇت چىلاپ قويىمىز.(بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ تىشىلىپ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)
7. سەككىز مىنۇت توشقاندىن كېيىن، گۈرۈچنى سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقايمىز؛ كەينىدىن گۈرۈچ چىلاشقىچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئەبجەش مايدىن ئازراق قۇيىمىز؛ ئۈستىگە كېتەرلىك دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇپ بولغاندىن كېيىن، توغرالغان گۆش ، نوقۇت(نوقۇتنى بىر كۈن ئاۋۋال سۇغا چىلاپ قويۇش كىرەك) ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى قوشۇپ ۋە تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئۈچەينىڭ كىچىك بېشىنى يىپ بىلەن بوغۇۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىدا تەييارلىغان گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىيالىنى، ۋارونكىدىن پايدىلىنىپ ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىدىن ماڭغۇزىمىز؛ ئاخىرىدا ئۈچەي توشقاندىن كېيىن، ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىنىمۇ يىپ بىلەن چىگىمىز.
8. قازاندا سۇ قاينىتىپ، ئۈچەينى سېلىپ قازان ۋىل ۋىل قاينىغاندا ئۈچەينى نەچچە يەردىن تىشىۋىتىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئۈچەينى تىشىۋىتىشتىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ، ئۈچەينىڭ ئېتىلىپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)
9. ئۆپكە-قېرىن ۋە ئۈچەي پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ئۆز خاھىشىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىك ۋە شەكىلدە چىرايلىق توغراپتەخسىگە تىزىپ، توغرالغان پىيازنىڭ ئىسسىق سۇدا مىجىپ چىقارغان سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ، ئاشكۆكى بىلەن قوشۇپئۆپكە ھېسىپ ئۈستىگە سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: ئۆپكە-ھېسىپ، دىيارىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك تائامى بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، يىيىشلىك ھەم تەملىك بولۇشى بىلەن، قەدىمدىن تارتىپ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. كونىلاردا قوينىڭ قايسى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلسا، ئادەمنىڭ شۇ يىرىگە قۇۋۋەت يەتكۈزىدۇ دېگەن قاراش بار؛ شۇڭا، ئۆپكە-ھېسىپ، ئەر-ئايال ۋە قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان قۇۋۋەتلىك ئاممىباپ تائام ھېسابلىنىدۇ.
ئىلاۋە: مەزكۇر ئۆپكە-ھېسىپنى، قەشقەر ئەنئەنەم ئۆپكە-ھېسىپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرغۇنجان توخسۇن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئەمەلىي تەجىرىبىسىنىڭ مەھسۇلىسۈپىتىدە، شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى فىلىم ئېلىش ئۆيىدە نەخ مەيداندا تەييارلىغان. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!
بۇ جاۋاپ بىرىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر مەسىلە؛ چۈنكى، سىز بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئالداۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز بولمايدۇ دەپ جاۋ
ئادەتتە تائام تەييارلىغان ياكى قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك قوشۇۋىتىپ، قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇندا
چاي، بىر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭمۇ ساقلاش ۋاقتى بار. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاينىڭ رەڭگى، پۇرىقى، دەملەنگەن چاينىڭ رەڭگى، چاي تەمى قاتارلى
پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى ئۈچ جۈپ كۆزدىن، قايسىسى ئىتنىڭ كۆزى؟ ئۈچ جۈپ كۆزدىن بىرنى تاللاپ، ئەقلى ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بىلىۋىلىڭ!
قانداق قىلغاندا، قارىماققا ھېچ ئاخىرقى چېكى يوقتەك بۇ بىر بۆلەك ھىسياتنى، مۇۋاپىق بىر نەتىجىگە ئىرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر سىز، بىرگە بولالمايدىغان بىر ئادەمنى ي
ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول
ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن
ھەربىر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر ئادەم كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى بىلمەي چاقچ
بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بىزنىڭ ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىمىزمۇ، بىزنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىر
تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号