ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
ئائىلىدە سوزىمىيەن تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-12-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سوزىمىيەن، گەرچە ئىش تەرتىپى نىسبەتەن مۇرەككەپ بىر خىل تائام بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى تەملىك ھەمدە ئىسسىق بېسىپ ھاردۇقنى چىقىرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزمۇ، ئېرىنمەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلسىڭىز، كەتكەن ۋاقتىڭىزغا ھەرگىز ئېچىنمايسىز.
خام ماتېرىيالى: ئۇن، ياڭيۇ، سەۋزە،كۆك تۇرۇپ، قارا گۆش، دۇفۇ،موگو،سامساق،زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، پىياز
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋۋاۋىچىن، ئاقمۇچ، تېتىتقۇ،قىزىلمۇچ چانالمىسى، ئاچچىقسۇ، 
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. بىرىنچى قەدەمدە خېمىر يۇغۇرىمىز. خېمىرنى ئادەتتە ئۆيدە لەغمەن تەييارلاش ئۈچۈن يۇغۇرغاندىن سەل قاتتىقراق يۇغۇرساق بولىدۇ.
   2. ياڭيۇ، سەۋزە،كۆك تۇرۇپ، قارا گۆش، دۇفۇ،موگو،سامساق،زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، پىياز قاتارلىقلارنى دانچە قىلىپ ئۇششاق توغرايمىز.
  3. سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز.
سوزا قورۇش ئۇسۇلى
  4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئالدى بىلەن گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاندىن پىياز بىلەن  زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ قىزىلمۇچ قىيامىنى  سېلىپ قورۇيمىز.ئاندىن كۆك تۇرۇپ ،بەرەنگە،سەۋزىلەرنى سېلىپ قورۇپ تۇز،كاۋۋاۋىچىن،ئاقمۇچ سېلىپ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيىمىز .
ياڭيۇ پۈتۈنلەي يۇمشىغىچە قاينىتىپ دۈملەيمىز، ئاخىرىدا سامساق،ئازراق تېتىتقۇ ۋە ئاچچىسۇ قوشۇۋەتسەكلا بولىدۇ.
   5. سوزىنى دۈملىگەندە ۋاقتىقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا بىر قازاندا سۇ  قاينىتىپ چۆپ پىشۇرۇشقا تەييارلىق كۆرسەك بولىدۇ.
چۆپ تەييارلاش ئۇسۇلى
  6. خېمىرنى يايغۇدا يېيىپ، تەڭگە پۇل قېلىنلىقىدا قىلىمىز؛ كەينىدىن بىر پارچە خېمىرنى كېسىپ ياكى قاتلاپ تۇرۇپ، ئۇچ مىللىمىتىر كەڭلىكىدە كىسىپ تەييارلىۋالىمىز.
   7. سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن چۆپنى سېلىپ ئۇزۇنراق قاينىتىپ پىشۇرىمىز(قازانغا سۇنى كۆپرەك قۇيۇڭ).
  8. چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز.
سوزىمىيەننى تەييارلاش ئۇسۇلى
  9. سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزگەن چۆپنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييارلىغان سوزىنى قۇيغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەك، ئولتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号