ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » ئۇن تائاملىرى
كۆكسەي لەغمەن تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2022-10-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتېريالى :ئەلنۇرى بەشتىن خالى سېلىنلىق ئائىلە ئۇنى، ئەلنۇرى ئورگانىك زىغىر مېيى، قوينىڭ سېمىز گۆشى220 گىرام .مايلىق يېسسىۋېلەك250 گىرام ،  پىياز يېرىم باش،كۆك لازا بىر تال، پەمىدۇر يېرىم تال ، سامساق ئىككى چىش، زەنجىۋىل 10 گىرام
تەم خۇرۇچلار:  تۇز،  كاۋاۋىچىن  ئۇنى،  ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى: بىر كىلوگىرام ئۇنغا 30 گىرام تۇزسېلىپ 460 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ ،بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.
قوي گۆشنى نېپىز ياپراقچە قىلىپ توغراپ  پىيازنى نېپىز ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ مايلىق يېسىۋېلەكنى 4—5سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ پەمىدۇرنى نۇرمال ئۇششاق تۇغرايمىز. سامساق، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ تەييار قىلىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازان قىزىغاندا ئەلنۇرى ئورگانىك زىغىر مېيىدىن 40 گىرام قۇيۇپ ماي  نورمال قىزىغاندا نېپىز  توغرالغان قوي گۆشى سالىمىز. قوي گۆشىنى بىرئاز قورىغاندىن كېيىن پىياز، زەنجىۋىل سالمىز . بىرئاز قورۇلغاندىن كېيىن 6 گىرام تۇز ، 3گىرام خاجومىيەن سالىمىز.ئاندىن قورۇپ كۆك لازا، پەمىدۇر سالىمىز ، پەمىدۇر  سېلىپ بولغاندىن كىيىن  مايلىق يېسىۋېلەكنى سېلىپ   ئىككى ئۈچ ئۆرۈپ  ئاز مىقداردا سۇ قويۇپ ، ئارقىدىن ئاچچىقسۇدىن ئازراق  قويۇپ سامساقنى سېلىپ سامساقنىڭ تەمىنى كۈچلۈكرەك ئېلىپ تۇز تەمىنى تەڭشىۋالىمىز.
پىلتىنى پىشۇرۇش: قازانغا چۆپ لەيلەپ پىشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ  تىنغان پىلتىنىڭ ئۇچىدىن تارتىپ ئېلىپ تەكشى سۇزۇپ  ئاشتاختىدا ئۇستىگە ئېلىپ ئىنچىكىلىتىۋېلىپ   ئاندىن بىر ئۇچىدىن  تۇتۇپ ئىككى قۇلىمىزغا تەكشى يوگەپ  ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا  سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ 4~3 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.
ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ  ئاندىن يا ئىسىتىپ ياكى شۇپېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号