ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » غەرىپچە تائاملار
مايدا داغلاش كەتمەيدىغان توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مايدا داغلاش كەتمەيدىغا، دوخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسى تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ خىل توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسىغا ماي ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ، تىز تاماقخانىلاردىكى توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسىغا(鸡米花) قارىغاندا كۆپ ساغلام بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   توخۇ تۆش گۆشى، بىر خالتا بەرەڭگە ياپراقچىسى(薯片)، بىر تال تۇخۇم
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، قوناق كىراخمالى، قارىمۇچ، ئۇششاق چانالغان زەنجىۋىل
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   بەرەڭگە ياپراقچىسىنى خېمىر يايغۇ بىلەن ئىزىمىز، قانچىكى ئۇششاق بولسا ئۇنغا ئوخشاش بولسا شۇنچە ياخشى.
   تۇخۇمنى چېقىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛ توخۇ تۆش گۆشىنى بىر سانتىمىتىر چوڭلۇقتىكى پارچە ھالىتىدە توغراپ قاچىغا سالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، تۇخۇمنىڭ ئېقى، زەنجىۋىل چانالمىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن 10مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

-2-
   ئون مىنۇت توشقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشى يۈزىگە بىر قەۋەت قوناق كىراخمالى يېپىشتۇرىمىز؛ كەينىدىن قوناق كىراخمالى يېپىشتۇرۇلغان توخۇ گۆشىنى چېقىپ قوچۇلغان تۇخۇمغا چىلاپ، يۈزىگە يەنە بىر قەۋەت تۇخۇم يېپىشتۇرىمىز؛ ئەڭ ئاخىرىدا تۇخۇم يېپىشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى ئىزىپ تەييار قىلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى ئۈستىگە بىر دومىلىتىپ، يەنە بىر قەۋەت بەرەڭگە ياپراقچىسى يېپىشتۇرىمىز.

-3-
   دوخوپكىنى 200سىلتسىيە گىرادوستا ئالدىن قىزىتىپ، توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسىنى دوخوپكا تەخسىسىگە تىزىپ دوخوپكىغا سېلىپ، 15مىنۇت پىشۇرساق، بۈگۈنكى توخۇ گۆشى ئېتىلدۇرمىسى تەييار بولىدۇ.
   تەملىك ھەم چۈرۈك بولغان بەرەڭگە ياپراقچىسىغا تەملىك توخۇ تۆش گۆشى قوشۇلۇپ، سىزگە چوقۇم بىر ھەيران قالارلىق خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. ۋاقتىڭىز چىققاندا سىناپ كۆرۈڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号