ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » غەرىپچە تائاملار
چوبان سالات تەييارلاش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە روسچە سالات تەييارلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تەرخەمەك، كىچىك پەمىدۇر، قىزىل پىياز، پەمىدۇر، لىمون، زەيتۇن، سەۋزە، ياڭاق
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، لىمون سۈيى، ئاق ئاچچىقسۇ، زەيتۇن مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن كىتەرلىك ماتېرىياللارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ كەينىدىن رەسىمدىكى ھالەتتە تەكشى توغراپ تەييارلىۋالىمىز؛ ياڭاقنى ئىزىپ تالقان قىلىۋالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، توغراپ تەييارلىغان كۆكتاتلارنى بىر قاچىغا ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، لىمون سۈيى، ئاق ئاچچىقسۇ، زەيتۇن مېيى قاتارلىقنى قوشۇپ تەملەندۈرۈپ، تەخسىگە ئېلىپ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە بىزىگەندىن كېيىن، ئۈستىگە ياڭاق تالقىنى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
   ئالاھىدىلىكى: بۇ تائام پۈتۈنلەي كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان تەبىئىي يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، ۋىتامىنلار ۋە باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول. شۇڭا بۇ خىل سالاتنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تاماق سىڭدۈرۈش، بەدەندىكى مايلارنى سىيرىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، تېرىنى ياخشىلاپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ؛ قان بېسىمى يۇقىرى، سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号