ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » قوي گۇشى قورىمىلار
سامساق بىلەن قورۇلغان تەملىك قوي گۆشى قورۇمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سامساق بىلەن قورۇلغان قوي گۆشى قورۇمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قوي گۆشى، سامساق، تۇخۇم، خاسىڭ مېيى، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، قارىمۇچ، توخۇ تەم جەۋھىرى، سۇلۇق كىراخمال
تەييارلاش ئۇسۇلى
   مايسىز قوي گۆشى تەييارلايمىز.
   گۆشنى نېپىز ھالەتتە توغرايمىز.
   گۆشكە جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، شېكەر، تۇز، قارىمۇچ، توخۇ تەم جەۋھىرى، تۇخۇمنىڭ ئېقى، سۇلۇق كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 15 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   سامساقنى ئاقلاپ يۇيىمىز.
   ياپراقچە ھالەتتە توغرايمىز.
   قازاننى ئېسىپ ماي قىزىتىپ، ماي ئالتە ئۈلۈش قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز.
   گۆش سارغايغىچىلىك قورۇيمىز.
   سارغايغاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.
   قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، سامساقنى سېلىپ قورۇيمىز.
   ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ قورۇپ تەمىنى چىقىرىمىز.
   ئالدىدا قورۇپ ئېلىپ قويغان قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز.
   قازانغا ئازراق جىياڭيۇ، شېكەر قوشىمىز.
   ئازراق ۋاقىت قورۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号