ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » قوي گۇشى قورىمىلار
نانغا ئورالغان قوي گۆشى قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-04-16 كۆرۈلىشى : قېتىم

   خام ماتىريالى: قوي گۆشى، نان، قىزىل سېرىق سەۋزە، باش پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت

 

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ئارپا بەدىيان، زىرە، قۇۋزاق داچىن، لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، ئاقمۇچ، شېكەر، چانالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى

   تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز، قىزىل سېرىق سەۋزىنى قېلىنراق يالپاقلاپ توغرايمىز.

   قۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا 100 گىرام ياغ قۇيۇپ، ئۈستىگە 50 گىرام شېكەر قوشۇپ ئارلاشتۇرۇمىز؛ شېكەر ئىرىپ قىزىل كۇپۇكچىلەر چىققاندا تەييارلانغان قوي گۆشىنى سېلىپ قۇرۇيمىز؛ قوي گۆشى قىزارغاندا چانالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى،  تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ئارپا بەدىيان ، زىرە،  قۇۋزاق داچىن، لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساقلارنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سېلىپ  قۇرىغاندىن كېيىن، قوي گۆشى چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا 50 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. ئاخىرىدا قىزىل سېرىق سەۋزىنى  سېلىپ 20مىنۇت قاينىتىپ، پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ  نان تىزىلغان تەخسىگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت قوشۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

   ئەسكەرتىش
     
1. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان  بولسا قوي گۆشى قۇرىغاندا بەرەنكىنى (سەۋزىنى)سالماي ئون مىنۇت يۇقىرى بېسىملىق قازاندا پىشۇرۇپ، ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ ئالساق بۇلىدۇ.
       2. سەۋزە  ئورنىغا ئوز ئىستىمالىڭىز بۇيىچە كۆك-قىزىلمۇچ، بەرەنگە ياكى چامغۇر سېلىپ قورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号