ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » قوي گۇشى قورىمىلار
يېڭىچە مۇچلۇق گۆش قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-05-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خام ماتىريالى: قوينىڭ لوق گۆشى، سۇ يېغى، كۆك-قىزىلمۇچ، پەمىدۇر يېرىم تال، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، تۇخۇم، كىراخمال
   تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن گۆشنى ياپراقچە قىلىپ نىپىز يالپاق توغرايمىز؛ كەينىدىن تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، يېرىم تۇخۇم، كىراخمالدىن ئازراق گۆشكە ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۋالىمىز.
   كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ، كۆك-قىزىلمۇچلارنى غالتەك توغرايمىز، پەمىدۇرنى ئۈچ بۇرجەك توغرايمىز؛
   غولپىياز ،سامساق، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز .
   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئۈچ چۈمۈچ ياغ قۇيۇپ، ياغ قىزىغاندا  گۆشنى سېلىپ، سارغىيىپ پىشقاندا ( توغرالغان كۆك-قىزىلمۇچ، پەمىدۇرلارنى ئالدىنئالا چويلىغا سېلىپ تەييار قىلىۋالىمىز ) چويلىغا تۆكىمىز.
   قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىللەرنى قۇرۇپ مەززىلىك پۇراق چىققاندا، تەييارلانغان ماتىرياللارنى سېلىپ قورۇپ، تۇز سېلىپ ئازراق سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز؛  قىزىتىلغان تۇمۇر تەخسىگە ياكى بېزەلگەن تەخسىگە ئېلىپ مىھمانلىرىڭىزنى كۈتسىڭىز ياكى ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号