ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » قوي گۇشى قورىمىلار
قىزارتىپ پىشۇرۇلغان قوي قۇۋۇرغىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
كىتەرلىك ماتېرىيال: قوي قۇۋۇرغا گۆش، ياڭيۇ، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى: شېكەر، تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، جىياڭيۇ، قىزىلمۇچ يېغى، زەنجىۋىل، سىڭفېن، قاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى:  قۇۋۇرغا گۆشنى بارماق كەڭلىكىدە توغراپ تەييارلايمىز، ياڭيۇ، كۆكمۇچ ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنىمۇ قۇۋۇرغا گۆش چوڭلۇقىدا قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ، قۇۋۇرغا گۆشنى بىر قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز؛ بەرەڭگىنى ياغدا بىر داغلاپ سۈزۈپ ئېلىپ تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى:  قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، بىر قوشۇق شىكەر قۇيىمىز، شىكەر ئىرىپ كۆپۈكچىلەر چىقىشقا باشلىغاندا، تەييارلىغان قۇۋۇرغا گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز؛ گۆشنى سېلىپ ئازراق قورۇۋالغاندىن كېيىن، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، قاقمۇچ، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، قىزىلمۇچ قىيامى، جىياڭيۇ ۋە ئازراق تۇز قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز؛ قوي گۆشى قورۇلۇپ رەڭ كىرگەندىن كېيىن، گۆش چۆكۈشكىدەك سۇ قۇيۇپ، 15 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، تەييارلىغان ياڭيۇنى سېلىپ، بەش مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىق قاينىتىپ پىشۇرىمىز؛ كەينىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ يېغى قوشۇپ تۇزىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئازراق سىڭفىن سۈيى قوشىمىز؛ ئاخىرىدا، قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچنى سېلىپ ئازراق قاينىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   دوستانە تەكلىپ: قازاندىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن، ئىشلەتكەن شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن قاتارلىق چوڭراق خۇرۇچلارنى سۈزۈپ ئېلىۋەتسەك، تامىقىمىز تېخىمۇ چىرايلىق سۈپەتلىك چىقىدۇ.
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر تائام، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى فىلىم ئېلىش ئۆيىدە، ئۆمەر ئەلى ئۇستام نەخمەيداندا تەييارلىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号