ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » بالىلار تائاملىرى
بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىدىغان ئۇششاق يېمەكلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن ئانىلارنىڭ دىققىتىگە، بوۋىقىنى ئالداپ پەپىلەشتىكى ئۆتكۈر قورالدىن بىرنى—ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق دانىچىسى تونۇشتۇرىمىز.
   خام ماتېرىيالى: كۆممىقوناق، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى(咸蛋黄)، كىراخمال، ئاق شېكەر، تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆممىقوناقتىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇۋاپ دانىچىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز.

   2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، كۆممىقوناق دانىچىسىنى قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ سوۋۇتىمىز.
   3. كۆممىقوناق دانىچىسىنى سۇغۇق سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى تولۇق ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز.
   4. ئۈستىگە يەنە ئازراق كىراخمال قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. ئارىلاشتۇرۇپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.
   6. چويلىدا سۈزۈپ ئارتۇق كىراخمالنى چۈشۈرىۋىتىمىز.
   7. قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي بەش ئۈلۈش قىزىغاندا كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ داغلايمىز.
   8. تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى(咸蛋黄) ئىزىپ پاراشوك ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   9. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى كىچىك ئوتتا قورۇپ كۆپۈك ئۆرلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا، داغلاپ تەييارلىغان كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ ھەمدە ئۈستىگە ئازراق شېكەر سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   10. ئازراق ۋاقىت قورۇپ، قورۇلغان تۇخۇم سېرىقى كۆممىقوناق دانىچىسىغا پۈتۈنلەي يېپىشقاندا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئەسكەرتىش: تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى ئۆردەك تۇخۇمىنى تۇزلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئۆيدە تەييارلاشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، يەنىلا بازاردىن تەييارنى سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق  بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • بۆلجۈرگەن (草莓)

    بۆلجۈرگەن (草莓)

    بۆلجۈرگەن، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسى بولۇپ، ئەسلىدە جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆستۈرۈلگەن، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ياۋرۇپا قاتا

  • لىمون(柠檬)

    لىمون(柠檬)

    لىمون، جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى سۇزاپ ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاساسلىقى چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى قىسىملىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ

  • چىلان (枣)

    چىلان (枣)

    چىلان، خۇزۇر ئائىلىسىگە تەۋە دەرەخنىڭ مىۋىسى بولۇپ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىردىن تۆۋەن تاغلىق رايون ياكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

  • تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز بىر يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مىۋىسى ئىللىپىس شەكىلدە، ئېتى كۆپ ھەم شەربەتلىك؛ ئىچىدە قارا ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بار، سىرتقى يۈزى سىيلىق ھەم ھەر

  • قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن، كەڭ ئۇچرايدىغان يازلىق مىۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، شېكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 پىرسەنتكە يىتىدۇ.

  • شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل ئۆسۈملۈك مىۋىسىگە تەۋ، ئېتى شەربەتلىك كىلىدۇ، دەرەختىن ئۈزۈپ خام پېتى يىيىشكە ياكى شاپتۇل قېقى، كونسىرۋا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت، كۆك ئامۇتنىڭ(大头梨) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خۇشپۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمران، شەربىتى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号