ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
ئەڭ يىيىشلىك توخۇ قانىتى، سۆڭىكىنى غاجىلاش كەتمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توخ قانىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئىستىمال ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ توخۇ قانىتىدىن گۈل ئۈنۈپ چىققاندەك كۆرىنىدىغان بۇ خىل تائامنىڭ ئاتىلىشى—توخۇ قانىتىغا ئورالغان جىڭجىڭگو. بۇ خىل توخۇ قانىتىنىڭ سۆڭىكىنى غاجىلاش كەتمەيدۇ، يۇمشاق پىشىدۇ؛ ئىرىنمىسىڭىز، ئەپ تاپقان ۋاقىتتا ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ سىناپ بېقىڭ!
كىتەرلىك ماتىريال
    توخۇ قانىتى، جىڭجىڭگو
خۇرۇچ ماتىريالى
   شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، ناۋات، تۇز، زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، قاقمۇچ، ئاق كۈنجۈت
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-

   بۇ تائامنى تەييارلاشتىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر قەدەم، توخۇ قانىتىنىڭ سۆڭىكىنى ئاجرىتىشتۇر.
  ئالدى بىلەن، قايچىدا قاناتنىڭ سۆڭىكىنى بويلىتىپ بىر ئايلاندۇرۇپ كىسىپ، سۆڭەك بىلەن تۇتاشقان گۆش ۋە پەيلەرنى كىسىۋىتىمىز؛ كەينىدىن ئىككى پارچە سۆڭەك ئوتتۇرسىدىكى پەينىمۇ قايچىدا كىسىمىز؛ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا كىسىپ چىقىمىز.
   كىسىپ بولغاندىن كىيىن، سۆڭەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۈچەپ نەچچە چۆگىلىتىپ ئايلاندۇرساق،  سۆڭەكنى پۈتۈن ھالەتتە تارتىپ چىقىرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نىسبەتەن ئاددى ھەم تىز بولغان سۆڭەكنى ئايرىش ئۇسۇلى(ئەلۋەتتە، ئەگەر سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلىڭىز بولسا، باشقا ئۇسۇلدا سۆڭەكنى ئايرىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ئاخىرىقى مەقسەت، گۆشىنى پارچىلىۋەتمىگەن ئاساستا سۆڭەكنى ئايرىپ ئېلىۋىلىشتۇر).
   توخۇ قانىتىنىڭ سۆڭىكىنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن، جىڭجىڭگونى توخۇ قانىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق چوڭلۇقتا توغرىۋالىمىز ھەمدە يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   كەينىدىن، جىڭجىڭگونى توخۇ قانىتى ئىچىگە تىقىمىز، ئىمكان قەدەر چىڭ تولدۇرۇپ تىقىمىز. بۇنىڭدا، توخۇ قانىتى خۇددى گۈل چوقۇلغان بىر لوڭقىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
 
-2-

   توخۇ گۆشىنى ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭدىكى قان سۇ تەركىبلىرىنى چىقىرۋىتىش كىرەك. تەييار قىلغان توخۇ قانىتىنى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى ۋە زەنجىۋىل قوشىمىز، چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛
   قايناتقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشى قۇرۇلۇپ يېغىلىپ، جىڭجىڭگونى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، سەل تۇرۇپ توخۇ گۆشىنى قورىغان ۋاقىتتا، جىڭجىڭگو ئاجراپ چىقىپ كەتمەيدۇ.
 
-3-

   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، قاينىتىۋالغان توخۇ قانىتىنى سېلىپ، كىچىك ئوتتا ئاستاغىنا داغلايمىز؛
   ئازراق زەنجىۋىل، غولپىياز مايسسىسى، قاقمۇچ سېلىپ، توخۇ قانىتى چۆكۈشكىچىلىك ھالدا سۇ قۇيىمىز؛ ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز ۋە بەش گىرام ناۋات سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 15مىنۇت دۈملەيمىز.
   ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ سۈيىنى قاينىتىپ تۈگەتسەك ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.(تاماققا ئارىلاشتۇرۇپ يىگىلى ئازراق سۈيىنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ)
 
-4-
 

   ئاخىرىدا ئۈستىگە ئازراق غولپىياز مايسىسى ۋە ئاق كۈنجۈت سېپىۋەتسەكلا ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号