ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك قورۇما—توخۇ گۆشى كۆكمۇچ قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان تائام، توخۇ گۆشى كۆكمۇچ قورىمىسى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي، تەييارلاشقا ھەم يەپ تۈگىتىشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، تەييارلاپ تاماق ئۈستىلىگە قويسىڭىز، بىر مېنۇت ئىچىدىلا تۈگەيدۇ.
   خام ماتېرىيالى:  توخۇ گۆشى، كۆكمۇچ، پۇرچاق بوتقىسى، سامساق، غولپىياز، زەنجىۋىل، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، توخۇ گۆشىنى مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغراپ بىر قاچىغا سالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق تېتىتىقۇ ھارىقى ۋە زەنجىۋىل قوشۇپ، 20 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە كۆكمۇچنى يانتۇ شەكىلدە توغرىۋالىمىز؛ غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە، زەنجىۋىلنى ياپراقچە ھالىتىدە، سامساقنى ئۇششاق چانالغان ھالەتتە توغراپ تەييارلايمىز.

قورۇش ئۇسۇلى
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازاننى قىزىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كېيىن، زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ توخۇ گۆشى قورۇلۇپ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ قورۇيمىز ھەمدە تەكشى ئارىلاشتۇغاندىن كېيىن، ئازراق  لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، توغرا تەييار قىلغان كۆكمۇچنى سېلىپ بىرلىكتە قورۇيمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، كۆكمۇچنى سېلىپ تەخمىنەن بەش مىنۇت ئەتراپىدا قورىغاندىن كېيىن، ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ، بىر چىنە سۇ قۇيۇپ تۇۋاقنى يېپىپ سۇنى قاينىتىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، داۋاملىق تۇۋاقنى يېپىپ دۈملەپ قاينىتىمىز؛  قازاننىڭ سۈيى تۈگەي دېگەندە، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مالتىلاپ ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا، قورىغان ۋاقىتتا ئوتنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، توخۇ گۆشىنى كۆيدۈرىۋەتمەسلىك كېرەك؛ كۆكمۇچنى سالغاندىن كېيىنمۇ، توختىماي مالتىلاپ قورۇپ تۇرۇش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号