ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
كالا گۆشىنى بۇ ئۇسۇلدا پىشۇرسىڭىز ئۇزۇقلۇقى تېخىمۇ مول بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مۇرەككەپ ئىش تەرتىپى بولمىغان، ئاددىيلا نەچچە قەدەم بىلەنلا قورساققا سولاشقا بولىدىغان دۈملىمە كالا گۆشى، ھۇرۇنلۇقى تۇتۇپ قالغان، ئەمما مەزىلىك تاماق يىگۈسى كېلىپ قالغان دوستلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ياڭيۇ بىلەن كالا گۆشىنى بىرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا، سىزنىڭ تالىشىپ يەيدىغىنىڭىز بەلكىم ياڭيۇ بولۇشى مۇمكىن.
 
كالا گۆشى ياڭيۇ دۈملىمىسى

   خام ماتېرىيالى: كالا پەش گۆشى 150گىرام، ياڭيۇ 150گىرام، يۇمغاقسۈت، ئۇچلۇق قىزىل لازا، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شېكەر،
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كالا پەش گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا تۆت بۇرجەك توغراپ، سوغۇق سۇ قۇيۇلغان قازانغان سالغاندىن كېيىن، ئوتنى ئېچىپ قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كېيىن، ئۈچ مېنۇت قويۇپ، چىققان موزىلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىمىز.
   2. كالا گۆشىنى سۈزۈۋىلىپ، يۈز قىسمىدىكى موزا يۇقىلىرىنى يۇۋىتىمىز.
   3. شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شېكەر ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 30مېنۇت قويۇپ قويىمىز.
   4. ياڭيۇنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن، كالا گۆشى بىلەن ئوخشاش چوڭ-كېچىكلىكتە توغرىۋالىمىز.
   5. ئۇچلۇق قىزىل لازىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، چەمبەر شەكىلدە توغرايمىز.
   6. يۇمغاقسۈتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   7. كالا گۆشى، ياڭيۇ، قىزىل لازا قاتارلىقلارنى بىرگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئالدىدا كالا گۆشىنى تۇزلىغان شەربەتنى قۇيۇپ، قەلەي قەغەزگە ئورايمىز.
   8. دۈملەش قازىنىغا مۇۋاپىق سۇ قويۇپ، قەلەي قەغىزىگە ئورالغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنى سېلىپ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا 30 مېنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئۈستىگە ئازراق تۇز ۋە يۇمغاقسۈت سېپىۋەتسەكلا تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
   1. كالا پەش گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، بۇ تائامغا ماي ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
   2. كالا گۆشىنى سۇدا ئۇزۇنراق قايناتساق، كەينىدىكى باسقۇچتىكى دۈملەش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
   3. كالا گۆشىنى ئالدىدا تۇزلىغان بولغاچقا، ئاخىرىدا تۇز قوشقاندا، تائامنىڭ تەمىگە ئاساسەن مۇۋاپىق قوشۇڭ، بولمىسا بەك تۇزلۇق بولۇپ قالىدۇ.
   4. كالا گۆشى بىلەن ياڭيۇنى بەك چوڭ توغرىۋەتمەڭ، تەم كىرمىكى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • ئوتخور بېلىق(草鱼)

    ئوتخور بېلىق(草鱼)

    ئوتخور بېلىق، سازان ئائىلىسىدىكى بېلىق بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى ئوت چۆپلەرنى ئىستېمال قىلىپ جان ساقلىغانلىق ئۈچۈن ئوتخور بېلىق دەپ نام بىرىلگەن.

  • قارا توخۇ(乌鸡)

    قارا توخۇ(乌鸡)

    قارا توخۇ، يەنە قارا سۆڭەكلىك توخۇ تەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاق پەيلىك قارا توخىمۇ بار؛ لېكىن مەيلى ئاق پەيلىك ياكى قارا پەيلىك بولسۇن، ھەممىسىنىڭ گۆشى ۋە سۆڭىكى ق

  • بادام (巴旦木)

    بادام (巴旦木)

    بادام، بادام دەرىخىنىڭ پارسچە ئاتىلىشىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بادام دەرىخىنىڭ مىۋىسى بادام ئۆرۈكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىلمىي ئاتىلىشى بولسا ياپىلاق شاپتۇل.

  • قوي گۆشى(羊肉)

    قوي گۆشى(羊肉)

    قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قوي گۆشى ۋە ئۆچكە گۆشى دەپ ئايرىلىدۇ. قوي گۆشى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان گۆش تۈرى

  • پىستە بادام(开心果)

    پىستە بادام(开心果)

    پىستە بادام، سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۇپۇرماق تاشلايدىغان مىۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ياۋا پىستە بادام ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىن تارقالغان

  • بوۋىقىڭىز زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە بۇ قوشۇمچە تاماقلارنى يىگۈزۈڭ

    بوۋىقىڭىز زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە بۇ قوشۇمچە تاماقلارنى يىگۈزۈڭ

    بوۋاق زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە ئىشتىھاسى قالمايدۇ، شۇڭا كاۋىنى ئىزىپ شورۋىگۈرۈچكە قوشۇۋەتسەك، شورۋىگۈرۈچكە تەم كىرگۈزۈپ، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدۇ.

  • ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

    ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

    لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئەرز قىلغان بولغاچقا، لى موۋ

  • تۇغۇت ئالدىدا، ھامىلدارلار نىمىشقا كۆپرەك مېڭىپ بىرىشى كىرەك

    تۇغۇت ئالدىدا، ھامىلدارلار نىمىشقا كۆپرەك مېڭىپ بىرىشى كىرەك

    دوختۇرخانىدا، تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلدار ئاياللار ئەگەر كارۋاتتا ئۇزۇن ۋاقىت يېتىۋالسا، دوختۇر-سېستىرالار ئۇلارنى كارۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىپ بىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ

  • دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئانا، بەش ياش ۋاقتىدا بالا تۇغقان ئىكەن

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئانا، بەش ياش ۋاقتىدا بالا تۇغقان ئىكەن

    لىننامۇ، 5يېشىدا ھامىلدار بولۇپ، 5ياش 7ئايلىق بولغاندا بالا تۇغقانلىقى ئۈچۈن، تىبابەت تارىخىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئانا، تىبابەت ساھەسىدىكى مۆجىز دەپ تەرىپلەنگ

  • قورۇما قورىغاندىكى بۇ تۆت خىل ئادىتىڭىزنى تاشلاڭ

    قورۇما قورىغاندىكى بۇ تۆت خىل ئادىتىڭىزنى تاشلاڭ

    چۆمۈچ تۇتىدىغان ھەربىر ئادەمنىڭ، ئۆزىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كىچىك ئادەتلىرى بار؛ لېكىن، قورۇما قورۇش جەريانىدىكى بەزىبىر كىچىك ئادەتلەر بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا تە

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号