ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » بېلىق گۆشى قورىمىلار
بۇ بېلىق قورۇمىسىنىڭ تەملىك پۇرىقى تاملاردىنمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نەچچە كۈن ئىلگىرى، بېلىق قورۇمىسىغا ئۇستا بىر خوشنامنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ قۇرۇتۇپ قورۇلغان تاپان بېلىق قورىمىسى تەييارلاش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالدىم؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا، بۇ خىل بېلىق قورۇمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى سۇنماقچىمەن.
كىتەرلىك ماتىريال
    تاپان بېلىق بىرتال، زەنجىۋىل، غولپىياز
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    قىزىلمۇچ سوقمىسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
   بېلىقنىڭ بەك چوڭىنى ئالماي، بىر جىڭ ئەتراپىدىكى بېلىقتىن بىرنى ئالساق بولىدۇ؛ بېلىقنى يۇۋەتكەندىن كىيىن، ئىككى تەرپىدە چەيدو بىلەن ئۈچتىن ئېغىز ئېچىپ قويىمىز.

   بېلىقنىڭ قوساق ئىچىگە ۋە سىرتقى يۈز قىسمىغا تۇز سېپىپ، تەكشى سۈرتكەندىن كىيىن، تۆت سائەت ئەتراپىدا تۇزلايمىز؛ ئەگەر بىر ئاخشام تۇزلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى.

 
Step 2
   قازانغا ماينى كۆپرەك قۇيۇپ، بېلىقنى سېلىپ كىچىك ئوتتا داغلايمىز؛ يان تەرەپلىرى سۇس سېرىق رەڭگە كەلگەندە ئۆرۈپ يەنە بىر تەرەپنى داغلايمىز.
   بېلىق گۆشى سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە ئۆزگىرىپ، ئازراق ئوتقا قاقلاپ پىشۇرغان بېلىقتەك بولغان ھالەتكە كەلگۈچە قايتا-قايتا داغلايمىز.

Step 3
    بېلىقنى بىرچەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، قالغان مايغا زەنجىۋىل قەلەمچىسى ۋە قىزىلمۇچ سوقمىسىنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ ئاچچىق پۇراق چىققاندىن كىيىن، زەنجىۋىل قەلەمچىسى بىلەن قىزىلمۇچ سوقمىسىنى بېلىقنىڭ ئۆستى تەرىپىگە ئالىمىز.
    بېلىقنىڭ يېرىمى چۆكەشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئۈستىگە يەنە ئازراق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.
    تۇۋاقنى يېپىپ، سۈيى تۈگىگۈچە قاينىتىپ دۈملەيمىز؛ ئەلۋەتتە، ئوتتۇرلۇقتا بېلىقنى ئۆرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەك.
    قازاننىڭ سۈيى تۈگەي دەپ قالغان ۋاقىتتا تۇۋاقنى ئېچىپ، چانالغان غولپىياز مايسىسىدىن ئۈستىگە ئازراق سېپىۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    بۇ خىل بېلىق قورۇمىسىنىڭ تەمى ئىنتايىن ياخشى، بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار تەييارلاپ سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号