ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇللىرى كۆپ، تەمى يىڭى، ئايرىم قورۇما قورۇشقىمۇ ياكى شورپا قاينىتىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ خىل تاغ موگوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قورۇمىنى—كۆكمۇچ تاغ موگوسى قورۇمۇسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل قورىمىنىڭ تەمى تەملىك ھەم يىيىشلىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇرۇقلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
    كىتەرلىك ماتىريال: كۆكمۇچ، تاغ موگوسى، ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، غولپىياز مايسىسى، تۇز، شىكەر
   تەييارلاش ئۇسۇلى: كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، بېغىچىنى ۋە ئىچىدىكى ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندى كىيىن، چوڭراق پارچە ھالەتتە توغراپ (ياكى قولىمىزدا بىۋاستىلا تىتىپ ئاجراتساقمۇ بولىدۇ)تەييارلايمىز؛ تاغ موگوسىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئازراق تۇز قوشۇلغان سۇغا 15مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، پارچە ھالەتتە توغراپ تەييارلايمىز. غولپىياز مايسىسىنى چانالغان ئۇششاق ھالەتتە توغرىۋالىمىز.
    قازاننى قىزىتقاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ماينىڭ قىزىشىنى ساقلىمايلا غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن توغراپ تەييارلىغان تاغ موگوسىنى سېلىپ، ئوتنى چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ موگونىڭ پۇرىقى ئۆرلەپ چىققاندىن كىيىن كۆكمۇچنى سېلىپ، كۆكمۇچنىڭ رەڭگى زۇمرەتتەك يىشىل رەڭگە ئۆزگەرگۈچە توختىماستىن قورۇيمىز؛ كەينىدىن شىڭچو جىياڭيۇسى، مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر ۋە تۇز قوشۇپ، مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنلىق ماددىلار مول بولۇپ، بارلىق كۆكتاتلار ئىچىدىكى "ۋىيتامىن پادىشاھى" ھىسابلىنىدۇ. ھەمىشە كۆكمۇچ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە ۋىيتامىن تۇلۇقلاپ، ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. تاغ موگوسى بولسا، كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، تەركىبىدە ھەرخىل ئامىنو كىسلاتالار مول. ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەمىشە تاغ موگوسى يەپ بەرگەندە، راك كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرۇشقا بولىدىكەن ھەمدە موگو تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ھەرخىل مىكرو ئىلمىنتلار، بەدەنگە ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号