ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
ئۇچ خىل رەڭلىك تاتلىق بەرەنگە قۇرىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2020-06-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتېرىيالى: تاتلىق بەرەنگە، قوناق كونسىرۋاسى، كۆك پۇرچاق، غولپىياز، زەنجىۋىل، سۇ يېغى
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاق شېكەر، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى: تاتلىق بەرەنگىنى ئۇششاق دانچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ زەنجىۋىل ۋە غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ تاتلىق بەرەنگىنى سېلىپ نورمال پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئالىمىز؛ كۆك پۇرچاق، قوناقنى سۇدا بىر قېتىم قاينىتىۋالغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇدا چايقاپ تەييارلاپ قويىمىز.
قۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، غولپىياز بىلەن زەنجۋىلنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، تاتلىق بەرەنگە، كۆك پۇرچاق، قوناق قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ قۇرۇيمىز؛ ئاخىرىدا تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، شېكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالىمىز.
ئەسكەرتىش: تېتىقۇ بىلەن توخۇ تەم جەۋھىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئىشلىتىمىز، ئەگەر ياقتۇرمىسىڭىز ئىشلەتمەي، تۇز ۋە شېكەر بىلەنلا تەم تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号