ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
بۇ قورۇما ئالدىڭىزغا كەلسە دوستلۇقنىمۇ ئۇنتۇيسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياڭيۇنىڭ ئاددىي ئەمما ناھايىتى تەملىك بولغان تەييارلاش ئۇسۇلى، بېلىق تەملىك ياڭيۇ قەلەمچىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، بېلىق تەملىك ياڭيۇ قەلەمچىسىدە بېلىق گۆشى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ بۇ خىل قورۇما پەقەت ئىنتايىن تەملىك بولغاچقا، تەمىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئادەمگە بېلىق گۆشى يىگەندەك تېتىيدىغان بولغاچقا، "بېلىق تەملىك" دەپ سۈپەتلەنگەن.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ياڭيۇ، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، سەۋزە، قارا قېرىنقولاق، پۇرچاق بوتقىسى، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ياڭيۇنىڭ پوستىنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن، ئۇنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ سۇغا چىلاپ يۈز قىسىمىدىكى كىراخمالنى يۇۋىتىمىز.
   قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، سەۋزە، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىمۇ قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   پىيالىدىن بىرگە بىر قوشۇق جىياڭيۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر، بىر قوشۇق كىراخمال قوشىمىز.

   ئازراق سۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، زەنجىۋىلنى سالغاندىن كېيىن، ئۇلاپلا مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سېلىپ ئازراق قورىغاندىن كېيىن، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، قارا قېرىنقولاق قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇيمىز.
   يېمەكلىكلار پىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى قۇيىمىز؛ داۋاملىق قورۇپ يېمەكلىكلەرگە تەم كىرگەندىن كېيىن ۋە تولۇق پىشقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号