ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
تەرخەمەكتە سوغۇق سەيلا ئەمەس، قورىمىمۇ ئوخشايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئون ئايال كىشىنىڭ توققۇزى سەمىرىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. سېمىزلىككە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر ئىلمى ئۇسۇلدا ئۇزۇقلىنىپ، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىزمۇ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بەدەندىكى مايلارنى ئىرىتىپ ئۇرۇقلىتىدىغان بىر خىل قورىمىنى—تەرخەمەك تۇخۇم قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تەرخەمەك، تۇخۇم، غولپىياز مايسىسى، تۇز، كۈنجۈت مېيى، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن تەرخەمەكنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ، ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   تۇخۇمدىن ئۈچنى بىر چىنىگە چېقىپ، ئازراق تۇز، كۈنجۈت مېيى ۋە قارىمۇچ قوشۇپ قوچۇيمىز.
قورۇش ئۇسۇلى
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى سېلىپ داغلاپ قاتۇرۋالغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
   قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تەرخەمەكنى سېلىپ قورۇيمىز؛ تەرخەمەك پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە ئالدىدا قاتۇرۇپ ئېلىپ قويغان تۇخۇمنى سېلىپ، ئۈستىگە يەنە تەرتىپ بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى، تۇز، غولپىياز مايسىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، كىچىك ئوتتا ئازراق قورىغاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئالاھىدىلىكى: تەرخەمەك تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان كۆكتات بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى ئىنتايىن مول، ئېنېرگىيە تەركىبى يۇقرى ئەمەس؛ شۇڭا، تەرخەمەكنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بەدەندىكى مايلارنى ئىرىتىپ مىتابولىزىمنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号