ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
قەۋزىيەت بار كىشىلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان قورۇما
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن كىشىلەردە قەۋزىيەت ئاۋارىچىلىقى بار بولۇپ، بەزىلەر قوقاقلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىگەنلىكتىن، بەدىنى زىيادە قۇرغاقلىشىپ كىتىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. لېكىن مەيلى قايسى خىل ئەھۋل كەلتۈرۈپ چىقارغان قەۋزىيەت بولمىسۇن، ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىزنى ھەرۋاقىت بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر سىزدىمۇ قەۋزىيەت بار بولسا، ئۇنداقتا بىز بۈگۈن تونۇشتۇرغان بۇ قورۇمىنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قالماڭ؛ بۇ خىل قورۇما قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز، قەۋزىيەت تۈپتىن ياخشىلىنىدۇ.

بەرەڭگە كۈدە قورۇمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: بەرەڭگە، كۈدە، ئىستېمال مېيى، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بەرەڭگىنى ئاقلاپ يۇيۇپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن سوغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   كۈدىنى ئاقلاپ يۇيۇپ، بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
   قازان ئېسىپ، ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز.
   بەرەڭگە قەلەمچىسىنى سالىمىز.
   كۈدىنى سالىمىز، ئازراق تۇز قوشىمىز.
   قورۇپ كۆكتاتلار پىشقاندىن كېيىن، ئازراق توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号