ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
بالىلارمۇ تاللىماي يەيدىغان تائامنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۇ قورۇمىنىڭ ئۇزۇقلۇقى كالا گۆشىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، بالىلارمۇ تاللىماي يەيدۇ، گۆشتىنمۇ بەك تېتىيدۇ.
   موگو، يامان ئەمەس بولغان بىر خىل زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى كۆكتات بولۇپ، باھاسى گەرچە بەك ئەرزان بولمىسىمۇ، ئەمما تەمى ياخشى ئۇزۇقلۇقى مول، بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. موگونىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار؛ ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسى ئىچىدە، موگونىڭ تەركىبىدە يەتتە خىلى بار. بۇندىن باشقا، موگونىڭ تەركىبىدە يەنە گلۇتامىك كىسلاتا، ساخارىد تۈرى، تالا ماددىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى تىزلىتىپ، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ.

موگو قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: موگو، غولپىياز، پۇرچاق بوتقىسى، تۇز، خاسىڭ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، موگنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، موگونى نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز.
   ئۈچىنىچى قەدەمدە، قازان ئېسىپ خاسىڭ مېيى قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال غولپىيازنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، موگونى سېلىپ قورۇيمىز.

   بەشىنچى قەدەمدە، بىر قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز (مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ قازانغا چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك).
   ئالتىنچى قەدەمدە، موگونى قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئازراق تۇز سېلىپ تەم تەڭشەيمىز.
   يەتتىنچى قەدەمدە، پىشقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号