ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
ئاياللار گۆش يىمىسىڭىزمۇ مەيلى، بىراق بۇ قورۇمىنى كۆپرەك يەڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-04-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خانىم-قىزلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، دانىخورەك ياكى داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بىز ھەمىشە رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. بولۇپمۇ بەزىبىر قان ئاز كىشىلەر، يېشىنىڭ يۇقىرىلاپ قالغانلىقى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەمدە تېرىسىمۇ ناچارلايدۇ. قان ئاز كىشىلەرنىڭ تېرىسى ئۆڭۈپ كىتىدىغان بولۇپ، قېرى چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا، بىز يېمەكلىك ئارقىلىق قان تولۇقلىساق بولىدۇ، بۇنىڭدا تېرىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، رەڭگى رويىمىز قىزىل بولىدۇ، بەدەنمۇ ساغلام بولىدۇ.
   شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قان ۋە ماغدۇر تولۇقلايدىغان بىر خىل قورۇمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇ بولسىمۇ سۈزۈك قورۇلغان قىزىلچا. بۇ خىل قورۇما سىزگە ناتونۇش ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟ قىزىلچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئادەتتىكىچە، ئەمما ئېتى ناھايىتى تولغان، سۇ تەركىبى يۇقىرى؛ بولۇپمۇ بىنەپشە قىزىل رەڭلىك ئېتى، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇقى ناھايىتى مول، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قان ۋە ماغدۇر تولۇقلاپ، تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قىزىلچا، تۇز، سامساق، ئىستېمال مېيى، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئالدى بىلەن، قىزىلچىنىڭ پوستىنى سويۇۋىتىپ پاكىزە يۇيىمىز. كەينىدىن قىزىلچىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   2. كەينىدىن سامساقنى ئۇششاق توغرايمىز.
   3. قازان ئېسىپ ماي قىزىتىپ، سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، توغراپ تەييارلىغان قىزىلچىنى سالىمىز.
   4. قىزىلچىنى سالغاندىن كېيىن چوڭ ئوتتا تېز سۈرئەتتە قورۇيمىز؛ قىزىلچا پىشقاندىن كېيىن، خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى سېلىپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   5. بۇ خىل قىزىلچا قورىمىسىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپ، ئادەمنى كاۋاپ-شورپىسىدىن بەكرەك خمار قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل قورۇما باھار پەسلىدە يىيىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان بولۇپ، بەدەنگە سۇ تەركىبى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ جىگەرنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号