ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
داغلىما پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-07-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزگىچە بىر خىل قورىما—داغلىما پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئۇن، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ)، تۇخۇم، غولپىياز، كۆك-قىزىلمۇچ
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاقمۇچ، كۈنجۈت مېيى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى تۆت بۇرجەك شەكىلدە توغرىۋالىمىز؛ غولپىيازنىڭ يېرىمىنى ۋە كۆك-قىزىلمۇچنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ غولپىيازنىڭ قالغان يېرىمىنى ئۇششاق توغرايمىز.
   تۇخۇمنى چىنىگە چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز، يەنە بىر چىنىگە ئازراق ئۇن ئېلىپ تەييار قىلىمىز.
   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، توغراپ تەييارلىغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ئاۋۋال ئۇنغا چىلىۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم سۇيۇقلۇقىغا بىر چىلىۋىتىپ قازاندىكى مايغا سېلىپ داغلايمىز؛ داغلاپ ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ قاتقاندا سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   قازانغا قايتىدىن ئاز مىقداردا ماي قۇيۇپ، ئۇششاق توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ قورۇم تەم چىقارغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئالدىدا داغلاپ تەييارلىغان دۇفۇنى سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ بىر ئىككى مىنۇت قاينىتىپ سۈيى ئاز قالغاندا، ئۈستىگە نەچچە تېمىم كۈنجۈت مېيى تېمىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە توغراپ تەييارلىغان غولپىياز ۋە كۆك-قىزىلمۇچ قەلەمچىسىنى قويۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号