ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك سوغوق سەيلەر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
تۇمۇز ئىسسىقتا، ئادەمگە يەنىلا سۇغۇق سەي تېتىيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-26كۆرۈلىشى : قېتىم
   يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە، ئادەمنىڭ ئاسانلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تېتىشلىق ھەم ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان سۇغۇق سەي، كىشىلەرنىڭ باشقىچە ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ سۇغۇق سەي، تەرخەمەك، دۇفۇپى، خاسىڭ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مۇل بولۇپلا قالماي، يەنە كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىق يەل ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە.
    كىتەرلىك ماتىريال: تەرخەمەك، دۇفۇپى (豆腐皮)، خاسىڭ، يۇمغاقسۈت، ئىستىمال مېيى، تۇز، كۈنجۈت مېيى، قىزىلمۇچ قىيامى، سامساق، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   كىتەرلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، تەرخەمەكنى يۇيۇپ پاكىزىلايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى ئاقلاپ پاكىزلايمىز؛ ئەگەر تەرخەمەكنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن توڭلاتقۇغا بىر ئىككى سائەت سېلىپ قويساق، تېخىمۇ تېتىيدۇ.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، دۇفۇپىنى سېلىپ 2-1مىنۇت قاينىتىۋالغاندىن كىيىن سۈزۈۋىلىپ، سۇغۇق سۇغا سېلىپ سۇۋىتىمىز، كەينىدىن سۇدىن سۈزۈپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرۋىتىمىز.
   دۇفۇپىنى قولىمىزدا تىتىپ پارچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز، يۇمغاقسۈتنى بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز، سامساقنى چانىغاندەك ئۇششاق توغرايمىز.
   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، ماينى قىزىتماستىنلا خاسىڭنى سېلىپى، كىچىك ئوتتا خاسىڭنى قورۇپ پىشۇرغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.
   تەرخەمەكنى چەيدودا ئۇرۇپ ئىزىۋەتكەندىن كىيىن، يانتۇ ھالەتتە توغرايمىز.
   تەرخەمەك، دۇفۇپىلارنى چوڭراق بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە سامساق، يۇمغاقسۈت قوشىمىز؛ كەينىدىن، بىر قوشۇق قىزىلمۇچ قىيامى، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، بىر قوشۇق شىكەر، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن خاسىڭنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号