ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
سۇغۇق سەيگە ئامراقلار بۇنى ساقلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان سۇغۇق سەي، ئادەتتە دۆلەت سىرتىدا سالات دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ساغلام يىشىل يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر نەچچە خىل سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان جىڭجىڭگو
   كىتەرلىك ماتىريال: جىڭجىڭگو(金针菇)، قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساق چانالمىسى، شىڭچوۋ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. سۇ قاينىتىپ ئالدى بىلەن جىڭجىڭگونى ۋە قەلەمچە قىلىپ توغرالغان قىزىلمۇچنى سېلىپ، 30سىكونت قايناتقاندىن كىيىن، ئاخىرىدا يانتۇ ھالەتتە ئىنچىكە قىلىپ توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئالىمىز؛
   2. سۈزۈپ ئالغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى سۇغۇق سۇغا يېرىم مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛
   3. چىنىدىن بىرنىڭغا، ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ ۋە چانالغان سامساقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئالدىدا سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، تەييار قىلغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. ئاخىرىدا ئۈستىگە نەچچە تېمىتىم كۈنجۈت مېيى قوشۇۋەتسەك، تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقساق بولىدۇ.
كۈنجۈت قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇلغان پالەك
   كىتەرلىك ماتىريال: پالەك، كاۋاۋىچىن، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر، تۇز، غولپىياز مايسىسى، ئۇششاق چانالغان قىزىلمۇچ، ئۇششاق چانالغان سامساق، قارىمۇچ، ئۇششاق چانالغان زەنجىۋىل، پىششىق ئاق كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازانغا ئازراق كۈنجۈت مېيى قويۇپ قىزىتىپ، ئازراق كاۋاۋىچىننى كىچىك ئوتتا قورۇپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋىتىمىز.
   2. غولپىياز مايسىسى، چانالغان قىزىلمۇچ، چانالغان سامساق، چانالغان زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى بىر چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا قىزىتقان كۈنجۈت مېيىنى قۇيىمىز.
   3. ئۈستىگە يەنە ئازراق ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر ۋە ئازراق تۇز قوشقاندى كىيىن، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   4. قازانغا يىتەرلىك مىقداردا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق قوناق مېيى ۋە تۇز قۇيۇپ، ئىككى-ئۈچ مىنۇت قاينىتىمىز؛
   5. پالەكنى سېلىپ قاينىتىمىز.
   6. پالەك پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كىيىن سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ، ئۈستىگە قىيامنى ۋە پىششىق ئاق كۈنجۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
ئاچچىق ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە قەلەمچىسى
   كىتەرلىك ماتىريال: لامنارىيە قەلەمچىسى(海带丝)، قاقمۇچ، سامساق، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، كاۋاۋىچىن مېيى، شىكەر، لازا ماي(油辣子)، پىششىق كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. لامنارىيە قەلەمچىسىنى پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن، توغراپ قىسقىراق قىلىۋالىمىز؛ قازاندا سۇ قاينىتىپ بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتكەندىن كىيىن، لامنارىيە قەلەمچىسىنى قازانغا سېلىپ 20-15مىنۇت قاينىتىمىز؛ ۋاقىت توشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ  سۇغۇق سۇغا چىلاپ سۇۋىتىمىز.
   2. قاقمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز؛ سامساق زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى ۋە كاۋاۋىچىن مېيى قۇيۇپ قىزىتىپ، توغراپ تەييار قىلغان قاقمۇچ، زەنجىۋىل ۋە سامساقلارنى سالىمىز؛ كىچىك ئوتتا داغلاپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر، لازا ماي قاتارلىقلارنى سېلىپ تۇلۇق ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، سۇۋۇش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   4. سۈيىنى ساقىتىۋەتكەن لامنارىيە قەلەمچىسىنى چوڭراق قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى ۋە پىششىق كۈنجۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلى

  • ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

  • شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئ

  • پىننە (藿香)

    پىننە (藿香)

    پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.

  • گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ (樱桃萝卜)

    گىلاس تۇرۇپ ئېتى يۇمران، ئۆسۈشى تېز، سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خام يىيىشكە ماس كېلىدۇ.

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号