ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
پىدىگەندىن سوغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   پىدىگەننى تەييارلاش ئۇسۇلى نۇرغۇن، ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ ئۆيىڭىزدە پىدىگەننى ھەر خىل ئۇسۇللاردا قورۇپ يەپ باققان. بىراق بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىدىگەندىن سۇغۇق سەي تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: پىدىگەن، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز مايسىسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، ئاق كۈنجۈت، قىزىلمۇچ تالقىنى، تۇز، ئىستېمال مېيى قارىمۇچ، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئاقلاپ يۇيۇپ تەييارلايمىز.
   2. پىدىگەننى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
   3. زەنجىۋىل ۋە سامساقنى چاناپ توغرايمىز؛ قىزىلمۇچنى بەلدەپ توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى چاناپ توغرايمىز.
   4. پىدىگەننى ھور قازىنىدا دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   5. قىيام تەڭشەيمىز: چىنىگە زەنجىۋىل، سامساق، قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسىنىڭ ئېقى قاتارلىقلارنى سالىمىز.
   6. بىر قوشۇق ئاق شىكەر ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشىمىز.
   7. بىر قوشۇق ئاق كۈنجۈت قوشىمىز.
   8. بىر قوشۇق قىزىلمۇچ تالقىنى قوشىمىز.
   9. قازاندا بىر چۆمۈچ ماي قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيىمىز.
   10. ئۈچ قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشىمىز.
   11. بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇ قوشىمىز.
   12. مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساق، قىيام تەييار بولىدۇ.
   13. دۈملەپ پىشۇرۇلغان پىدىگەننى تەخسىگە ئېلىپ، چىققان سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز.
   14. ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى پىدىگەننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن پىدىگەن تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号