ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
تەرخەمەكتىن سوغۇق سەي تەييارلاشمۇ بىر خىل ھۈنەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەرخەمەكنى ھەم خام پېتى يىگىلى بولىدۇ ھەم پىشۇرۇپمۇ يىگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ يەنە چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ مول. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەرخەمەكتىن سوغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تەرخەمەك، يۇمغاقسۈت، سامساق، زەنجىۋىل، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، كاۋاۋىچىن مېيى، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ مېيى، ئاق شىكەر، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، تەرخەمەكنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، سىرتقى پوستىنى سويىۋىتىمىز؛ كەينىدىن تۆتكە بۆلۈپ پارچىلاپ، ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، تەرخەمەكنى ئۈچ بۇرجەك ھالەتتە توغراپ، چوڭراق بىر قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە ئۇششاق چاناپ توغرالغان سامساق، زەنجىۋىل، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئون مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق تۇغرايمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، ئالدىدا تۇزلاپ تەييارلىغان تەرخەمەكنىڭ چىققان سۈيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ، بەك كۆپ چىققان بولسا، بىر قىسىمىنى تۆكۈۋىتىمىز. ئۈستىگە يۇمغاقسۈتنى قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، كاۋاۋىچىن مېيى ۋە ئاق شىكەر قوشىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، ئاخىرىدا ئۆزىمىز تەييار قىلغان قىزىلمۇچ مېيىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号